ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2019-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %2.9 ئۆرلىگەن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-10 18:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى 12-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.5 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىگە ئوخشاش بولغان. 2019-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %2.9 ئۆرلىگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئايلىق ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئاساسلىقى گۆش قاتارلىق بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى سەۋەب بولغان. 2019-يىلى پۈتۈن يىلدىن قارىغاندا، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى يەنىلا %3 ئەتراپىدىكى كۆزلىمە نىشان دائىرىسىدە بولغان. 2020-يىلى ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئايلىق ئۆسۈش نىسبىتى باشتا يۇقىرى، كېيىن تۆۋەن بولۇشى، مال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسى مۇقىم، پۇختا ئاساسنى ساقلىشى مۇمكىن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئايلىق سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، گەرچە 9-ئايدىن بۇيان ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى سەل ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سەككىز ئايدا ئۆسۈش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان؛ ئىچكى قۇرۇلمىدىن قارىغاندا، يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىر قەدەر تېز بولغان، لېكىن يېمەكلىكتىن باشقا تاۋارلار باھاسى، مۇلازىمەت باھاسى قاتارلىقلار بىر قەدەر مۆتىدىل بولغان، 2019-يىلى تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت باھاسىنىڭ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %1 كىمۇ يەتمەيدۇ، قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش باھاسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %1.7 تۆۋەنلەپ، پۈتۈن يىللىق ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ %3 تىن تۆۋەن بولۇشىغا تىرەك بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2019-يىلى يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيەنى چىقىرىۋەتكەن يادرولۇق ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %1.6 ئاشقان، بۇمۇ نۆۋەتتىكى ماكرولۇق مال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ يەنىلا مۇۋاپىق ئارىلىقتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2019-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %2.9 ئۆرلىگەن

2019-يىلى 12-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.5 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىگە ئوخشاش بولغان.