ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-10 18:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتۇر يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىر يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 ـ ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىجادىي ئالغا سىلجىتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتۇر يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.