ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى توردا مۇھاكىمە قىلىش، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

مەنبەسى:     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-11 17:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى توردا مۇھاكىمە قىلىش يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، بۈيۈك مەلۇمات دەۋرىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش يىغىننىڭ قارالمىسى بولدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات نەزىرى ۋە دىيالېكتىك تەپەككۇر بىلەن بۈيۈك مەلۇمات دەۋرىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، ساھە تەلەپچانلىقى، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇر بايلىقىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى ئىلمىي،ئۈنۈملۈك قوغداپ، بۈيۈك مەلۇماتلار ئارقىلىق جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك.

14 ئەزا ۋە مۇتەخەسسىس مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ۋە لياۋنىڭ، ئەنخۇي، خۇنەن، گۈيجۇدىن ئىبارەت بەش يىغىن مەيدانىدا ھەمدە يان تېلېفون ئارقىلىق سۆز قىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 120 گە يېقىن ئەزاسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى ئارقىلىق پىكىر بايان قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۈيۈك مەلۇمات دەۋرىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەر نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن ئەنئەنىۋى شەخسىي ئۇچۇر قوغداش تۈزۈمى ۋە ئۇسۇلى ئىنتېرنېتنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇش ۋە رەقەملىك كەسىپ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشتەك يېڭى ۋەزىيەتكە يېتىشەلمىدى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق.

بەزى ئەزالار شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغدايدىغان مەخسۇس قانۇن چىقىرىش تېزلىتىلىپ، مەخسۇس تۈزەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، شەخسىي ئۇچۇرلارنى قانۇنسىز توپلاش، سودىلىشىش، ئىشلىتىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى ئۆستۈرۈلۈپ، توردىكى ناتوغرا كەسىپلەرنىڭ ياشاش بوشلۇقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىلسە. دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ قوغداش يولغا قويۇلۇپ، شەخسىي ئۇچۇردىن پايدىلىنىش تىزىملىكى تۇرغۇزۇلۇپ، چىراي تونۇتۇش، سانلىق مەلۇمات ئېلىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىش ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىزدەش قاتارلىق قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلسە. كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلىپ، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى بىلىملىرى، تېخنىكىسى ۋە ئىدىيەسى كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى كۈچەيتىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا پۇرسەت يارىتىلمىسا. تارماقلار ئارا ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، بىرلىككە كەلگەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، كۆپ تەرەپ قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە تەكرار قانۇن ئىجرا قىلىشتىن ساقلىنىلسا.

مەركىزىي كومىتېت ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى نەق مەيداندا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى توردا مۇھاكىمە قىلىش، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى توردا مۇھاكىمە قىلىش يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، بۈيۈك مەلۇمات دەۋرىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش يىغىننىڭ قارالمىسى بولدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.