ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىشى ئىنكاس قايتۇرۇشنى تاماملىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-11 17:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن 11-ئايغىچە، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدىكى 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 37 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى پارتىيە تەشكىلاتىنى ئىككى ئاي ئەتراپىدا دائىملىق كۆزەتتى. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئىنكاسى ئەھۋالىنى مەركەزلىك ئېلان قىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىشتە پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ زور ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلات لۇشيەنى شۇنداقلا كۆزىتىش تۈزىتىش ئەھۋالى قاتارلىقلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلدى. كۆزىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا يەنىلا بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ئورتاق مەسىلە.

كۆزىتىش جەريانىدا مۇنداق مەسىلىلەر بايقالدى: بەزى ئورۇنلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇشى دېگەندەك چوڭقۇر بولمىغان، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە ماسلىشىپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچىنى ئادا قىلىشى يېتەرلىك بولمىغان؛ بەزى ئورۇنلارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمىغان، شەكىلۋازلىق، «بىيۇروكراتلىق» ھادىسىلىرى يەنىلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى يەنىلا يۈز بېرىۋاتىدۇ؛ بەزى ئورۇنلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلىشى توغرا بولمىغان، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى «ئىككى قىياپەت» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەدبىرى دېگەندەك كۈچلۈك بولمىغان؛ بەزى ئورۇنلارنىڭ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش خىزمىتى قېلىپلاشمىغان، كادىرلار قوشۇنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دېگەندەك قاتتىق بولمىغان.

كۆزىتىش ئىنكاسىدا كۆزىتىش-تۈزىتىشنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رەھبەرلىك ئورگىنى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئۈچتە ئۈلگە بولۇش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇش كېرەك. كۆزىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپلىرى) فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ھەل قىلغۇچ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى نازارەت قىلىش-چەكلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى داۋاملىق تۈزەش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، كۆزىتىش، تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن شياۋجياڭ ئىنكاس يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتگۇرۇپپا شۇجىلىرى تۈزىتىشتىكى بىرىنچى مەسئۇللۇق مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىپ، كۆزىتىش، تۈزىتىشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈزەشنى بىر پۈتۈن ئىلگىرى سۈرۈپ، رەسمىيەتچىلىك قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: كۆزىتىلگەن مەسىلىلەرنى تۈزەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، بىرنى كۆپكە ئىبرەت قىلىپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر تۈزىتىش كېرەك. مەركەز ئورگان ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ زۇيى مۇنداق دېدى: مەن بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم ئۆزۈمدىن باشلاپ قەتئىي ئۆزگەرتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى يولداشلارنى باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىشكە يېتەكلەيمەن. بىز تېزدىن كۆزىتىش تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تۈزىتىش خىزمىتى لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش بىلەن ئىزچىل ئۆزگەرتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي تۈزىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىمىز.

ئىگىلىنىشىچە، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يەنە بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلە يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بەرگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىشى ئىنكاس قايتۇرۇشنى تاماملىدى

ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن 11-ئايغىچە، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدىكى 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 37 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى پارتىيە تەشكىلاتىنى ئىككى ئاي ئەتراپىدا دائىملىق كۆزەتتى. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئىنكاسى ئەھۋالىنى مەركەزلىك ئېلان قىلدى