ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نامراتلارنى يۆلەشنى ئەقلىي، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-13 10:10

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يىل شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تاماملىنىدىغان يىل. باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانچە مۇھىم پەيتكە يېتىپ كەلگەنسېرى، چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى شۇنچە چىڭىتىپ، شۇنچە قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، تېزدىن جاسارەت بىلەن كۈرەشكە ئاتلىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي، چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، سىياسەتنى دەل يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. ئەمدى ئالاھىدە پىلانلانغان «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن يۈرۈشلۈك تەپسىلىي خەۋىرىمىزنىڭ «نامراتلارنى يۆلەشنى ئەقلىي، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك» دېگەن قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015-يىلى 11-ئايدا ئېچىلغان مەركەز نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، نامرات رايونلار ۋە نامرات نوپۇسنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئىشەنچ بولغاندىلا، ئاندىن سېرىق تۇپراقنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. نامراتلار ئىرادىسىز بولسا بولمايدۇ، نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە ئارقىلىق يۆلەش زۆرۈر. ئادەمدىنمۇ يۈكسەك تاغ بولمايدۇ، ئايىغىمىزدىنمۇ ئۇزۇن يول بولمايدۇ. نامرات رايونلاردىكى كادىرلار، ئاممىغا بولغان تەشۋىقات، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش، تەشكىللەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى «جاپالىق ئىشلىسەك مەيلىكى، جاپا ئالدىدا قاراپ تۇرماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن قاراشنى تۇرغۇزۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، تېرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق نامرات، قالاق قىياپەتنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەش لازىم.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر 9-ئايدا، خېنەن ئۆلكىسى گۇاڭشەن ناھىيەسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە، نامراتلارنى يۆلەشنى ئەقلىي، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن نامراتلارنى يۆلەشتە، ھەم ئەقلىي جەھەتتىن ھەم ئىرادە جەھەتتىن يۆلەشنى تەكىتلەپ كەلدىم، بىرسى ئەقىل-پاراسەت، بىرسى ئىرادە، جاسارەت، قان بېرىش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، يەنە قان ئىشلەپچىقىرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشنى يەنىمۇ ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. سىلەر ئۆز كۈچۈڭلارغا تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزۈڭلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشۇڭلار لازىم. پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، بۇنى يەنە كۆپچىلىككە تايىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ، ئاممىنى مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان زور ۋەزىپىلەرنى ئاساسىي قاتلامنىڭ كونكرېت خىزمەتلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، پۇختا، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ «نامراتلارنى دەل يۆلەش» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى تۇجيازۇ، مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شىبادۇڭ كەنتى ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاقىنى يۇلتۇز دەرىجىلىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئەخلاق دەرسخانىسى، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، مياۋزۇ دۇمبىقى چېلىش قاتارلىق مول، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، شىبادۇڭ كەنتىنىڭ بۇرۇنقى نامراتلارنى يۆلەشتىكى «ساقلاش، تايىنىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەۋى قارىشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى يەر ئىگىلىكى ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلغان مىڭ مو يەردىكى سورتلۇق مايمۇن شاپتۇلى شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى. شىبادۇڭ كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى سۈن جۇڭيۈەن مېڭىمىز ئۆتكۈرلەشكەندىن كېيىن، غەيرىتىمىزمۇ تولۇپ تاشتى، ئىدىيەۋى قارىشىمىزدا ئۆزگىرىش بولدى، ھازىر ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىسى زور، ئارزۇسى كۈچلۈك، غەيرىتى يېتەرلىك دېدى.

سىچۈەن ئۆلكىسى بىر يۈرۈش تەدبىرلەر ئارقىلىق، نامرات ئاممىنى «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، تىرىشچانلىق ئارقىلىق بېيىش»تىن ئىبارەت خوجايىنلىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلىدى. نۆۋەتتە، ئۆلكە بويىچە ئۈچ مىليون 30 مىڭ نامرات نوپۇس كەسىپ ۋە ئۆز يېرىدە كەسپىي ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. سىچۈەن يەنە نامرات كەنتلەردە ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قەھرىمانلىرى تىزىملىكى»نى تۈزۈپ، ياردەم سىياسەت تەدبىرلىرى بىلەن نامرات ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئەمگىكىنى تۇتاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتتى. سىچۈەن ئۆلكىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ چۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، بىز ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىش ئۈستىدە كەڭ كۆلەمدە ئىزدىنىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇق، مەسىلەن: «كەنت ئاھالىلىرى نومۇر جۇغلاش تۈزۈمىنى باشقۇرۇش»، «ئەمگەك كىرىمىنى مۇكاپاتلاش پىلانى»نى كېڭەيتتۇق، يەنە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈلگىلىرى»نى باھالىدۇق، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ماددىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى مەنىۋى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قەددىنى تىكلىدۇق.

چۇڭچىڭ شەھىرى شيۇشەن ناھىيەسى ئېروڭ بازىرى لۇڭتاڭچۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ۋېن داۋچېڭ كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ، «زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، لازا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، لازىنىڭ يىللىق مەھسۇلاتىنى ئىككى مىليون جىڭدىن ئاشۇرۇپ، بىر مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. ۋېن داۋچېڭ مۇنداق دېدى: بىز ئەمگەك ئارقىلىق بېيىتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قارىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىزچىللاشتۇردۇق. ئەمگەككە تايىنىپ بېيىتىش، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارقىلىق، كۈچلۈك تەشۋىقات ئېلىپ باردۇق، كەنتىمىزدە ھەر بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى ھەر قېتىم ئېلان قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇردۇق. بىز ئاشۇ ھۇرۇن، «ساقلاش، تايىنىش، تەلەپ قىلىش»نى ئويلايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرگە ئۈزلۈكسىز تەربىيە قىلىپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتۇق، بۇ خىل «ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ بېيىش» قارىشىغا تايانساقلا، نامراتلىق مەسىلە ئەمەس، نامراتلار كۆپ بولسىمۇ يەنىلا مەسىلە ئەمەس.

مائارىپ-نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇشنىڭ ماھىيەتتىن ھەل قىلىش تەدبىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقنى تۈزەشتە ئالدى بىلەن نادانلىقنى تۈزەش، نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ياخشى باشقۇرۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ چىڭ تۇتۇش شەرت. بىر نامرات ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرى ئەگەر كەسپىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ، بىرەر ماھارەتنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشسا، بۇ ئائىلىدىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ مائارىپ راسخوتىدا، نامرات رايونلارغا، ئاساسىي مائارىپقا، كەسپىي مائارىپقا ئېتىبار بېرىش، ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى، دۆلەت تەربىيەلەش پىلانىدىمۇ ئوخشاشلا نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي قاتلىمىغا ئېتىبار بېرىش كېرەك.

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى رۇڭشۈي مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى لولياڭ خۇيۋېننىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلە ئىدى، ئۇ ھازىر مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپى ئاز سانلىق مىللەت قىز ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. لولياڭ خۇيۋېن مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئارزۇيۇم-ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش، مەن يۇرتۇمغا قايتقاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى تاغ ئارىسىدىن چىقىشقا يېتەكلەيمەن. مەكتەپتە، ئاشۇ كۈندىلىك راسخوت، پارچە ئوقۇش خىراجىتى، تۇرمۇش خىراجىتى، يەنە تاماق پۇلىنىڭ ھەممىسىنى مەكتەپ بىز ئۈچۈن تاپشۇرىدۇ، بىز ئاساسەن ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمايمىز. مەن فۇدەن داشۆسىگە ئۆتۈپ، ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇشنى، يۇرتۇمغا قايتىپ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى تاغ ئارىسىدىن چىقىپ خىزمەت قىلىشقا يېتەكلەشنى ئارزۇ قىلىمەن.

شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوندىكى ئوخشىمىغان ئۆلكىلەر يەنە نامراتلارنى يۆلەشتە ھەمكارلىشىش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، نامرات رايونلارنىڭ كەسپىي مائارىپى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. گەنسۇ ئۆلكىسى گەننەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ئەمەلىي مەشىقىنىڭ يىپيېڭى سېخىدا دەرس ئاڭلىدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۇۋۇپ تەتقىق قىلىشىغا تۆت ماتور ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يەنە ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئاسما رېمونت سايمانلىرى ساندۇقى سەپلەپ بېرىلدى. كەسپىي دەرسكە مەسئۇل زاڭزۇ ئوقۇتقۇچى دۇڭجى مۇنداق دېدى: بۇرۇن دەرس سۆزلىگەندە 1980-يىللاردىكى ماتورنى ئىشلىتەتتۇق، ھازىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماتورنى ئىشلىتىۋاتىمىز، يېزىدىن كەلگەن بالىلار ئىلغار نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، كەسپىي قول تۇتۇپ ئىشلەش ئىقتىدارى ئۆستى، ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىۋاسىتە زاۋۇتلارغا كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا بولىدۇ.گەننەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتىپى-2019-يىلى 3-ئايدا بىرىكتۈرۈلۈپ يېڭىدىن سېلىنغان كەسپىي مەكتەپ. شۇ جايدا ئېغىر نامرات ئائىلىلەر كۆپ، كەسپىي مائارىپ بايلىقى ئاجىز ئىدى. تيەنجىن شەھىرىنىڭ ياردىمىدە، مەكتەپتە زامانىۋى ئۆلچەملەشكەن ئەمەلىي مەشىق سىنىپى ھەم كۆپ خىل كەسىپلەر كۆپەيتىلدى. مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىڭ خېڭجيې مۇنداق دېدى: تيەنجىن زامانىۋى تېخنىكا كەسپىي مەكتىپى بىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلۇشى ۋە دەرسلىرىمىزگە ناھايىتى ياخشى يېتەكچىلىك پىكرى بەردى، بىز ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كۈتۈش، دەسلەپكى تەربىيە، بوغالتىرلىق، ئاشپەزلىك، تانكا ياساش قاتارلىق يەتتە كەسىپنى يېڭىدىن كۆپەيتتۇق. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشى توسۇلماقتا. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نامراتلارنى يۆلەشنى ئەقلىي، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك

بۇ يىل-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يىل شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تاماملىنىدىغان يىل.