ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە يېڭى نۇسخىدىكى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى رەسمىي ئىجرا قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-13 16:17

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ تورى:

بۇلتۇرقى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا سۆھبىتىدە، يېڭىدىن كۆپەيگەن دورىلارنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 60.7 تۆۋەنلىدى، ئەمما س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالايدىغان يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دورىلارنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، %85دىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى. مەملىكەت بويىچە ئون مىليون س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارى «ئاقسۆڭەكلەر دورىسى» دەپ ئاتىلىدىغان قىممەت دورىلارنى «پۇقرالار باھاسى»دا ئىشلىتىپ، داۋالاش يۈكى زور دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ.

«C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قوللانمىسى (2015-يىللىق نۇسخىسى)»نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ئادەتتىكى كىشىدىن تەخمىنەن 5مىليون 600 مىڭى C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان، ئۇنىڭغا خەتەرلىك كىشىلەر توپى ۋە كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردا يۇقۇملانغانلارنى قوشساق بۇ سان 10 مىليونغا يېتىدىكەن.

2017-يىلىدىن ئىلگىرى، دۆلەت ئىچىدە C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ ۋاسىتىسى ئاساسلىقى ئىنتېرفېرون، لىباۋېللىن قاتارلىق ئەنئەنىۋى دورىلار ئىدى. 2017-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن بىۋاسىتە ۋىرۇسقا قارشى دورىلار تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىنىپ، ساقىيىش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك % 90 تىن ئېشىپ، ھازىرقى C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاش ۋاسىتىسى يېڭىلاندى، بۇ جۇڭگودا C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە يېڭى نۇسخىدىكى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى رەسمىي ئىجرا قىلىندى

بۇلتۇرقى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا سۆھبىتىدە، يېڭىدىن كۆپەيگەن دورىلارنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 60.7 تۆۋەنلىدى، ئەمما س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالايدىغان يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دورىلارنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، %85دىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى.