ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۆتكەن يىلى ئېلىمىزدە يېڭىدىن ئەنگە ئېلىنغان جۇڭگو تېبابىتى شىپاخانىلىرى 6مىڭدىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-13 16:17

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ تورى:

مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2020-يىللىق مەملىكەتلىك جۇڭگو تېبابىتى-دورىگەرلىكى ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى ئېلىمىزدە يېڭىدىن ئەنگە ئالدۇرۇلغان جۇڭگو تېبابىتى شىپاخانىسى 6000 دىن كۆپرەككە يەتكەن بولۇپ، جۇڭگو تېبابىتى-دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى سىجىل ئاشقان.

دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۈ ۋېنمىڭ مۇنداق دېدى: ئۈچ جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى دۆلەت رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇش سىناق نۇقتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، ناھىيە دەرىجىلىك 500 جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى 2-باسقۇچتىكى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، %74 يېزا-بازار شىپاخانىسى ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ئۆلچەملەشكەن جۇڭگو تېبابىتى سارىيى قۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، 32 ئۆلكە دەرىجىلىك جۇڭگو تېبابىتى بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلدى، %68 3-دەرىجىلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى تەسىس قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىگە ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىردى، ئېلىمىز جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى يولغا قويدى، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋىي سەھىيە مۇلازىمىتىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ساغلاملىقنى باشقۇرۇش نىشانى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %50 تىن ئاشتى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有