ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھازىرقى تۇرمۇشىمىز گۈزەل ھەم خاتىرجەم

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-13 17:03

ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئائىلىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كونىشەھەر ناھىيەسى ئاياغمەنگەن كەنتى 8-گۇرۇپپىدا. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھويلىسىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ياتاق ئۆي، ئاشخانا، قوتان، باغ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ھويلىدا يۇرتداشلار بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن سىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەڭلارنىڭ بۇ دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم. مەن پارتىيەنىڭ ئەلنەپ سىياسەتلىرىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان-ئالمىغانلىقى، رولىنى جارى قىلدۇرغان-قىلدۇرمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئۈچۈن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم. ئومۇمەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلار-پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش نىشانى. مەن پارتىيەنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى ياردىمىدە تۇرمۇشۇڭلارنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

ئابدۇقېيۇم روزى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، مېنىڭ ئائىلەم ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا يەنە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، بىز باش شۇجىنىڭ يەنە كېلىپ كۆرۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇلتۇر بىز مېۋە، كۆكتاتتىن سىرت، يەنە گۈل ئۆستۈردۇق. ئەگەر باش شۇجى يەنە كەلسە، مەن ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلىمەن. بۇ گۈللەر بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا سىمۋوللۇق قىلىدۇ.

ئابدۇقېيۇم روزى مۇنداق بىر ھېساباتنى قىلىپ بەردى: بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ نوپۇس ئاساسلىقى ئۇنىڭ تىراكتور بىلەن باشقىلارنىڭ يېرىنى ئاغدۇرۇش، زىرائەتلىرىنى يىغىپ بېرىشىگە تايىنىپ كىرىم قىلاتتى، يىللىق كىرىمى ئون مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئىدى؛ ھازىر ئۇ تىراكتور ھەيدىگەندىن سىرت، يەنە ئايالى ئايشەمگۈل ئېزىز بىلەن قوي، كالا، كەپتەر باقتى، گۈل ئۆستۈردى، يىللىق كىرىمى يۈز مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ.

ئابدۇقېيۇم روزى مۇنداق دېدى: ئالدىنقى قېتىم باش شۇجى كەلگەندە، مەن ئۇنى مېۋە-چېۋىلەر پىشقاندا يەنە كېلىپ تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدىم. بۇلتۇر بىز مېۋە، كۆكتاتتىن سىرت، يەنە گۈل ئۆستۈردۇق، ئەگەر باش شۇجى يەنە كەلسە، مەن ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلىمەن، بۇ گۈللەر بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا سىمۋوللۇق قىلىدۇ.

ئۇنىڭ تۇرالغۇسى تېخىمۇ ئازادە، راھەت بولدى. ھويلا-ئارامنى تەرتىپكە سېلىش تۈرىنىڭ پايدىسىدىن، ئۆيىنىڭ توپا تاملىرى سېمونت، پىششىق خىشلىق تامغا ئايلاندى، ھويلىسىنىڭ ئىچىمۇ پۈتۈنلەي قاتتىقلاشتۇرۇلدى. ھويلىغا كىرگەندە، تەرتىپ بويىچە تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونىغا ئايرىلىدۇ، پاكىز، رەتلىك. بۇرۇنقى بۇ ئۈچ رايون ئايرىلمايدىغان كونا قىياپەتكە ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. ئۆيىدە ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى تەق بولدى، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئايال خوجايىن يەنە ساپاغا ئاق يىپەك ياپقۇچ ياپتى. توك پار بار بولغاچقا، ئۆي ئىچى باھاردەك ئىللىق تۇرىدۇ.

ئابدۇقېيۇم روزى 2014-يىلىدىن تارتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغۇچىغا ئايلاندى. ئۇ كۈنلىرىمىز ياخشى، بۇنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن قولغا كەلدى، بىز باش شۇجىغا، كومپارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمىز دېدى.
ھەسەنجان مەخەت-كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىدى، بۇ بىر قانچە يىلدا ئۇ ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ نۇرغۇن ياردىمىگە ئېرىشتى، ئالدى بىلەن ئابدۇقېيۇم روزى ئۇنىڭ يەرلىرىنى ھەقسىز ئاغدۇرۇپ بەردى، يەنە ئۇنىڭغا كۆكتات تېرىش، كالا بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، يەنە ئەر-ئايال ئىككىسىنى كەنتتىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىغا تونۇشتۇرۇپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۈپۈرگە ياساپ پۇل تاپتى.

ھەسەنجان مەخەت ئابدۇقېيۇم روزىنى «مېنىڭ بېيىش باشلامچىم» دەپ ئاتىدى، ئۇ ھازىر ئائىلىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 80 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ دېدى. 2017-يىلى 7-ئايدا، ئابدۇقېيۇم روزى شەرەپ بىلەن كومپارتىيە ئەزاسى بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى شېن دېيىڭ 2017-يىلىدىن ھازىرغىچە، كەنتتە 15 پارتىيە ئەزاسىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق، بۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئابدۇقېيۇم روزىغا ئوخشاش ياش، قابىلىيەتلىك كىشىلەر دېدى.

بۇرۇن ئاياغمەنگەن كەنتىدە نوپۇس كۆپ، يەر ئاز ئىدى، تېرىلغۇ يەر كىشى بېشىغا بىر مودىنمۇ توغرا كەلمەيتتى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى مۇشۇنچىلىك يەرگە تايىنىپ جان باقاتتى. ئابدۇقېيۇم روزى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەلنەپ سىياسەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، باش شۇجى كەلگەندىن كېيىن كەنتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر بارغانسېرى زور بولدى. مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى سېلىندى، ئاسفالت يول ياسالدى، ئاممىنىڭ بېيىش يوللىرى كېڭەيدى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھازىرقى تۇرمۇشىمىز گۈزەل ھەم خاتىرجەم

ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئائىلىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كونىشەھەر ناھىيەسى ئاياغمەنگەن كەنتى 8-گۇرۇپپىدا. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھويلىسىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ياتاق ئۆي، ئاشخانا، قوتان، باغ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ھويلىدا يۇرتداشلار بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى.