ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېرمىنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر جۇڭگو بېرما مۇناسىۋىتىنىڭ 70 يىللىق تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-13 17:43

مەن دەريانىڭ بېشىدا تۇرىمەن، سىز دەريانىڭ ئاخىرىدا تۇرىسىز، بىر-بىرىمىزنىڭ مۇھەببىتى چەكسىز، بىر دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىمىز. جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىن باشلىنىپ، بېرمىنىڭ جەنۇب-شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئىراۋادى دەرياسى جۇڭگو بىلەن بېرمىنى زىچ باغلاپ تۇرىدۇ. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-بېرما خەلقى يېقىن ئالاقە قىلىپ، ئىناق بىللە تۇرۇپ، بىر-بىرىنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىدۇ.

70يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن بېرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-بېرما مۇناسىۋىتى بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، بىر- بىرىگە ئىشىنىش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر ئارا ئىناق بىللە تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكلىشى ۋە تۈرتكىسىدە، جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ «قېرىنداش»لارچە دوستلۇقى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش بول

20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، جۇڭگو بىلەن بېرما تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلدى، بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى زور ئىجادىيەتكە ئايلاندى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تارىخىي مۇھەببەت تۇيغۇسى ۋە دەۋر بۇرچى ئاتا قىلدى.

جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ چوڭقۇر «قېرىنداش»لارچە دوستلۇقى ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ جاپالىق يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. زۇڭلى جۇ ئېنلەي بېرمىنى 9 قېتىم زىيارەت قىلغان، بېرما رەھبىرى ۋۇ نەيۋېن جۇڭگونى 12 قېتىم زىيارەت قىلغان، بۇ ئىككى دۆلەت ئالاقىسىدىكى قىزىق پاراڭ بولۇپ قالغان.

بېرمىنىڭ سابىق زۇڭلىسى ۋۇنۇنىڭ قىزى زەنزەننۇ يېقىندا رانگوندىكى ئۆيىدە جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە دەۋر ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان بولسىمۇ، بېرما بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ ئىزچىل ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى،بۇ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق يېتىلدۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنىڭ ئەڭ جانلىق رېئال كارتىنىسى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بېرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسان سۇكى قاتارلىق بېرما رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، ماسلاشتۇرۇپ ۋە ماسلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ كەلدى. بېرمىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مياۋ زەنپېي مۇنداق دېدى: بېرما بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسى «قېرىنداش»لارچە دوستلۇققا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

رەئىس شى جىنپىڭ پات ئارىدا بىرمىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ ئالاقىسىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىدۇ. بېرما دۇ چىڭجى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى ئومار مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنى ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى كۈتمەكتىمىز.

ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ پات ئارىدا بېرمىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بېرما رەھبەرلىرى بىلەن مىڭ يىللىق «قېرىنداش»لارچە دوستلۇق توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئاچىدۇ. جۇڭگو-بېرما مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىپ، يېڭى دەۋرنى كۈتۈۋالىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېرمىنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر جۇڭگو بېرما مۇناسىۋىتىنىڭ 70 يىللىق تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بەردى

مەن دەريانىڭ بېشىدا تۇرىمەن، سىز دەريانىڭ ئاخىرىدا تۇرىسىز، بىر-بىرىمىزنىڭ مۇھەببىتى چەكسىز، بىر دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىمىز. جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىن باشلىنىپ، بېرمىنىڭ جەنۇب-شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئىراۋادى دەرياسى جۇڭگو بىلەن بېرمىنى زىچ باغلاپ تۇرىدۇ.