ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەتتاتلىق ئىجادىيىتى دۇنيا سەييارە كۆرگەزمىسى مىسىردىكى ئاممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 10:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا يېزىقچىلىق روھى-جۇڭگو خەتتاتلىق ئىجادىيىتى دۇنيا سەييارە كۆرگەزمىسى ئايرىم ئايرىم ھالدا مىسىرنىڭ ئالېكساندر كۇتۇپخانىسى ۋە سۈۋەيىش قانىلى داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلدى. نەق مەيداندا يۈز نەچچە پارچە جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىندى، جۇڭگونىڭ خەتتاتلىرى نەق مەيداندا كۆرۈرمەنلەرگە ئىجادىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئىلھامىنى تونۇشتۇرۇپ، مىسىردىكى ئاممىنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

سۈۋەيىش قانىلى داشۆسىنىڭ مۇدىرى ماگدا كۆرگەزمە مەيدانىدا «ھەر بىر پارچە ئەسەر ناھايىتى جانلىق بىر پارچە سەنئەت بۇيۇمى ئىكەن، بۇنىڭدىن جۇڭگونىڭ خەتتاتلىقىنىڭ ماسلىشىشچان گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بۇ مېنى ھەيران قالدۇردى» دەپ ماختىدى. مىسىردىكى تاماشىبىنلار جۇڭگونىڭ خەتتاتلىقىغا ناھايىتى قىزىقتى، ئۇلار ئەسەرنىڭ ئالدىدا ئەستايىدىل ھۇزۇرلاندى، ياكى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان خەتتاتلىق ئەسىرى بىلەن بىرگە رەسىمگە چۈشۈپ خاتېرە قالدۇردى ۋە ياكى نەق مەيداندىكى جۇڭگو خەتتاتلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

سۈۋەيىش قانىلى داشۆسى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى زايىد بىر پارچە خەتتاتلىق ئەسىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بۇ ئەسەرنى ئەڭ ياخشى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. زايىد مۇنداق دېدى، بۇ قېتىمقى سەييارە كۆرگەزمە مېنى جۇڭگونىڭ خەتتاتلىقىغا ناھايىتى قىزىقتۇردى، قايتقاندىن كېيىن توردىن ماتېرىيال ئىزدەپ، خەتتاتلىققا دائىر تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىنىمەن.

ئالېكساندر كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يودا مۇنداق دېدى، جۇڭگونىڭ خەتتاتلىقى مۇرەككەپ قەلەم ئاستىدا مول مەدەنىيەت ئۇچۇرىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، بىزنىڭ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشىمىزغا ۋە ھېس قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ناھايىتى ئۇلۇغ نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى بىر قېتىملىق كاتتا ئىش. سۈۋەيىش قانىلى داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ چەتئەل تەرەپ باشلىقى ھاسان مۇنداق دەپ قارىدى، مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئۇزۇن، ئىككى دۆلەتنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرى ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە، مەن بۇ قېتىمقى سەييارە كۆرگەزمىنىڭ تېخىمۇ نادىر ئىدىيە ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو خەتتاتلىق ئىجادىيىتى دۇنيا سەييارە كۆرگەزمىسى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئەسەر مەزمۇنى، شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلەندۈرۈلۈپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى خەلقئارادا تارقىتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بۇ قېتىمقى خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىنى مىسالغا ئالساق: رەڭ جەھەتتىن بىر قىسىم قەغەزلەرگە مىسىردىكى كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان سېرىق رەڭ ئىشلىتىلدى، مەزمۇن جەھەتتە، مىسىرنىڭ ماقال تەمسىللىرى ۋە پەلسەپەۋى ھېكمەتلىك سۆزلىرى ئەسەر مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلدى. شەكىل جەھەتتە، بىر قىسىم چىغناق تارغاق يېزىقى ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئوخشاشلا تەسۋىرى يېزىق بولغان مىسىر قەدىمكى يېزىقى بىلەن بىرلىكتە نۇر چاچتى. شاڭخەي قاتناش داشۆسى مەدەنىيەت ئىجادىيەت شۆيۈەنى جۇڭگو خەتتاتلىق مەدەنىيىتىنى خەلقئارا تارقىتىش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جوۋبىن مۇنداق دېدى: «خەتتاتلىق مەدەنىيەت تارقىتىشتىكى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر ۋاسىتە، بۇ قېتىمقى سەييارە كۆرگەزمىنىڭ نىشانى جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلب رىشتىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.»

سەييارە كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا، مەدەنىيەت ئىجادىيەت ئەسىرى «12 مۈچەل» باش تېما قىلىنغان ھۆججەت قىسقۇچ مىسىر ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ھۆججەت قىسقۇچقا ھەر بىر مۈچەلنىڭ تەسۋىرى يېزىقى بېسىلغان بولۇپ، شۇنىڭغا ئۇدۇل كەلگەن يىل ئاي ۋە شۇنىڭغا ئۇدۇل كەلگەن مۈچەلدە تۇغۇلغان جۇڭگونىڭ قەدىمكى خەتتاتلىرى، ئەدىبلىرىنىڭ ئىنگلىزچە تونۇشتۇرۇشى يېزىلغان. سۈۋەيىش قانىلى داشۆسى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لاخما مۇنداق دېدى: «بۇ بەك ياخشى سوۋغات بولدى، ھەم مەدەنىيەت مەزمۇنى بار ھەم ئىشلىتىشچان، مەن بۇنى يېقىن دوستلىرىمغا سوۋغا قىلىمەن، ئۇلار چوقۇم بۇنى ياخشى كۆرىدۇ.»

«يېزىقچىلىق روھى-جۇڭگو خەتتاتلىق ئىجادىيىتى دۇنيا سەييارە كۆرگەزمىسى»نى جۇڭگو سەنئەت فوندى تارقىتىش كېڭەيتىش ئالماشتۇرۇش ياردەم تۈرى قوللىغان بولۇپ، شاڭخەي قاتناش داشۆسى، جۇڭگو يېزىق مۇزېيى، مەملىكەتلىك ئالىي خەتتاتلىق مائارىپى شۆبە جەمئىيىتى، مىسىر سۈۋەيىش قانىلى داشۆسى كوڭزى شۆيۈەنى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەتتاتلىق ئىجادىيىتى دۇنيا سەييارە كۆرگەزمىسى مىسىردىكى ئاممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى

يېقىندا يېزىقچىلىق روھى-جۇڭگو خەتتاتلىق ئىجادىيىتى دۇنيا سەييارە كۆرگەزمىسى ئايرىم ئايرىم ھالدا مىسىرنىڭ ئالېكساندر كۇتۇپخانىسى ۋە سۈۋەيىش قانىلى داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلدى.