ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ نەپەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىمارى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-12 15:39

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

 2-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ نەپەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى  ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر كىشى ئېغىر كېسەل ئىدى. بۇلار 1-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭدا تۇنجى  ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار  كۆرۈلگەندىن بۇيان تۇنجى تۈركۈمدە داۋالاپ ساقايتىلغان كېسەللەر.

بۇ ئۈچ بىمارنىڭ ئىككىسى ئەر، بىرى ئايال، ھەممىسى يەرلىك ئاھالىلەر. بۇنىڭ ئىچىدە 48 ياشلىق بىر بىمار 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋۇخەنگە كاماندىروپكىغا بېرىپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قىزىغان، شۇ كۈنى كەچتە دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن، ئايرىپ داۋالانغان. ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك داۋالاش ئارقىلىق، بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ كېسىلى داۋاملىق ياخشىلاندى، تۈرلۈك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرى نورمال بولدى. ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق  ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى بىلەن، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق  ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش لايىھەسىدىكى ئايرىشنى بىكار قىلىش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن دەپ قارالدى. 

ئىگىلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 24 كىچە، شىنجاڭ  ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق  ئۆپكە ياللۇغى بىمارىنىڭ 55گە يەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 39ى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن 16 سى بار، قازا قىلغانلار يوق.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ نەپەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىمارى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

2-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ نەپەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى