ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-12 15:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

 ئىستانسىسىمىز 2-ئاينىڭ 12-كۈنى «ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرەيلى» ماۋزۇلۇق  ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى  تاجسىمان  ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ۋە يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىملىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئاساس سېلىشى كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ئۇرۇش، تاقابىل تۇرۇش ئۇرۇشى. ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەرىكەت تۈپتىن قارىمۇقارشى مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى بىر تەڭگە پۇلنىڭ ئىككى تەرىپى بولۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، يۇقۇمنىڭ زەربىسى پەقەت قىسقا مۇددەتلىك، مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش  قانچە مۇھىم بولغانسېرى، بىز ئىرادىمىزنى شۇنچە ساقلاپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان كاشىلىسىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۆۋەنلىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملىشىمىز كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرەيلى

ئىستانسىسىمىز 2-ئاينىڭ 12-كۈنى «ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرەيلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.