ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇبېيدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كىشى 1638 يەتتى، 417 كىشى دوختۇرخانىدىن چىقتى، 6756 كىشى گۇماندىن ساقىت قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-12 15:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

خۇبېي ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە، خۇبېي ئۆلكىسىدە  يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كىشىنىڭ 1638 يەتكەنلىكى، ئۆلكە بويىچە يەنە 94 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 417 كىشىنىڭ يېڭىدىن دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

2020-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 24 كىچە، خۇبېي ئۆلكىسى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كىشىنىڭ 33 مىڭ 366 غا يەتكەنلىكى، ئۆلكە بويىچە 2639 كىشىنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى، 1068 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ %3.20 بولغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.  

ھازىر يەنىلا 26 مىڭ 121 ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە: ئېغىر كېسەل 5724، خەتەرلىك كېسەل 1517، ئۇلار بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتىدۇ. ھازىر گۇمانىي كېسەل 11 مىڭ 295  بولۇپ، شۇ كۈنى 6756 كىشى گۇماندىن ساقىت قىلىندى؛ شۇ كۈنى 4890 كىشىگە يېڭىدىن كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇلدى، ھازىر 10 مىڭ 567  كىشىگە كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇلدى؛ گۇمانىي كېسەللەر، كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەردىن 15 مىڭ 514 كىشى مەركەزلىك ئايرىۋېتىلدى، جەمئىي 152 مىڭ 251  يېقىندىن ئۇچراشقان  كىشى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلدى، 77 مىڭ 195 كىشى تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有