ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋۇخەن غەلىبە قىلسا، خۇبېي غەلىبە قىلىدۇ، خۇبېي غەلىبە قىلسا، پۈتۈن مەملىكەت غەلىبە قىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-12 15:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

خەلق گېزىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانىدا «ۋۇخەن غەلىبە قىلسا، خۇبېي غەلىبە قىلىدۇ، خۇبېي غەلىبە قىلسا، پۈتۈن مەملىكەت  غەلىبە قىلىدۇ»  ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خۇبېي ۋە ۋۇخەندە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەڭ مۇھىم ئىش، ۋۇخەننى قوغداش ئۇرۇشى، خۇبېينى قوغداش ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، دىتەن دوختۇرخانىسى يىراقتىن داۋالاش مەركىزىدە ۋىدىيو يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزى، ئېنىق تەلىپى بىزنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلىشىمىزگە تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تېببىي خادىملار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى ۋە ھەر قايسى سەپلەردىكى يولداشلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ 1-سېپىدە داۋاملىق باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، بۇ كەسكىن كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىلھام  بەردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有