ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار مۇھىم نۇقتىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-12 16:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

 2-ئاينىڭ 11-كۈنى مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى ۋىدېيو شەكلىدە ئېچىلدى. دىن ساھەسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇش يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىندى. 

يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار ۋە جايلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش تەلىپى بويىچە، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئېچىۋېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، بارلىق كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەتلەرنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، دىنىي مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاشنى كېچىكتۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، بەس-بەستە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى. تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، 2-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە دىنىي ساھەدىكىلەر جەمئىي 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغان.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىنىي ساھەدىكىلەر بۇ زور كۈرەش ئالدىدا، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتۇش كېرەك. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئېچىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش، بارلىق كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەتلەرنى ۋاقتىنچە توختىتىش، دىنىي مەكتەپلەر كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش باشلاشتىن ئىبارەت «ئىككىنى ۋاقىتلىق توختىتىش، بىرنى كېچىكتۈرۈش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، دىن ساھەسىنىڭ نورمال تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار مۇھىم نۇقتىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈردى

2-ئاينىڭ 11-كۈنى مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى ۋىدېيو شەكلىدە ئېچىلدى. دىن ساھەسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇش يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىندى.