ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار خۇبېيغا ياردەم بېرىپ قېيىن ئۆتكەلگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 09:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

خۇبېي ئۆلكىسىدىكى يۇقۇم  پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، جايلار خۇبېيغا ياردەم بېرىپ، قىيىن ئۆتكەلگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرماقتا.

خۇبېي ئۆلكىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، 2-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى پاراشۇتچى قىسىمى ئىككى تىك 8 تىپلىق  تىرانسپورت تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى جىددىي يۆتكەپ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى تىرانسپورت تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋۇخەن شەھىرى جياڭشيا رايونىدىكى مەلۇم ئەشيا ئوبوروت ئامبىرىغا يېتىپ كېلىپ، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي ھاۋادا توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى. پاراشۇتچى قىسىم مەلۇم تۈەننىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلان باشلىقى خۇاڭ يۇڭجى مۇنداق دېدى: چۈشتىن بۇرۇن ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قىسمىمىزغا ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ماددىي ئەشيانى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يىچاڭ ۋە شياڭياڭغا توشۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى، قىسمىمىز دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى، ھازىر بىر ئايروپىلان  يىچاڭغا كېتىۋاتىدۇ، مەن ئولتۇرغان بۇ  بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان  ماددىي ئەشيالارنى قاچىلاپ بولدى، دەرھال شياڭياڭغا ئۇچماقچى بولۇۋاتىمىز. ئىگىلىنىشىچە، تىرانسپورت ۋەزىپىسى بۇنىڭدىن كېيىن ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، ھەر قېتىمدا ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلان چىقىرىلىپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىلىدىكەن.

جايلار ئىئانە قىلغان داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىمۇ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈپ، داۋالاپ قۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى. شاڭخەي ئىئانە قىلغان چوڭ تىپتىكى 11 يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ۋۇخەن شەھىرىدىكى 10 داۋالاش ئاپپاراتى ۋە دوختۇرخانىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى يادرو كىسلاتاسى ئارقىلىق تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. 2-ئاينىڭ 12-كۈنى نىڭبو بىر تۈركۈم ماددىي ئەشيالارنى جىددىي يۆتكەپ، بارلىق ماللارنى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ ۋۇخەنگە يەتكۈزدى، نىڭبودىن ۋۇخەنگە داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتتى. بۇ ماددىي ئەشيالار جەمئىي 396 يەشىك بولۇپ، بۇلار N 95 ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، مۇداپىئە پەلىيى قاتارلىق قوغدىنىش بۇيۇملىرى، شۇنىڭدەك ئالدىنقى سەپكە جىددىي ئېھتىياجلىق توك ئەدىيال قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي  ئەشيالىرى ۋە داۋالاش ئەسۋابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ماددىي ئەشيالارنى نىڭبودىكى ھەر قايسى داۋالاش سەھىيە ئورۇنلىرى ۋە خەيرى ساخاۋەتچىلەر ئىئانە قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان نىڭبونىڭ داۋالاش خادىملىرىنى ھەر تەرەپلىمە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. 

ئون يۈك ئاپتوموبىلىدىن تەشكىللەنگەن مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى2-ئاينىڭ 12-كۈنى شەندۇڭنىڭ جىنىڭدىن يولغا چىقىپ، 300 توننا سۈپەتلىك سامساقنى خۇبېينىڭ خۇاڭگاڭغا يەتكۈزۈپ بەردى. ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ چىجۇدىن تۆت ماشىنىغا بېسىلغان گۈرۈچ ۋە ئىچىملىك سۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 90 توننا مال ۋۇخەنگە توشۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، مەركەز پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە  ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشىنى بېكىتتى، قىسىملارنىڭ  سەرخىل ئەسكەرلىرى بۇ ئىككى كۈندە كېچىلەپ يىغىلىپ، ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى. يۈننەن، جېجياڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىكى داۋالاش ئەترەتلىرى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى خۇبېيغا بېرىپ داۋالاپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار خۇبېيغا ياردەم بېرىپ قېيىن ئۆتكەلگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرماقتا

خۇبېي ئۆلكىسىدىكى يۇقۇم پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، جايلار خۇبېيغا ياردەم بېرىپ، قىيىن ئۆتكەلگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرماقتا.