ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 10:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى يىغىن ئېچىپ، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى، نۆۋەتتىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، بىز خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، سىياسەتنى دەل جايىدا يولغا قويۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئەشيا يۆتكەش سالمىقىنى زورايتتى، جايلار، تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلدى، تېببىي خادىملار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خالىس تۆھپە قوشتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىرادىدىن سېپىل ياساپ، ئىتتىپاقلىشىپ باتۇرانە كۈرەش قىلدى. جاپاغا چىداپ تېرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىدە پائال ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، ھەر قايسى تەرەپلەر بۇنىڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتى ئەڭ كۈچەيدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى قىلچە بوشاشماستىن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم ئالاھىدە ئېغىر ياكى خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان رايونلاردا ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، سىياسەتنى رايونلار بويىچە يولغا قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي، ئەمەلىي، ئىنچىكە چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ خەلق كۈرىشى، ئومۇمىي جېڭى، تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قوبۇل قىلىپ داۋالاش نىسبىتى ۋە داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن قازا قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى چۆرىدەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ نۇقتىلىق ھالقىلىرىنى چىڭ تۇتۇش؛ قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش لازىم؛ قىزىتما بىمارلىرى كۆپ شەھەرلەر نۇقتىلىق دوختۇرخانا، داۋالاش كارىۋىتى، ئايرىش نۇقتىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ كۆپەيتىپ، گۇمانىي بىمارلارنى تەكشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قوبۇل قىلىش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى داۋالاشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قوبۇل قىلىپ داۋالاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كېسەل تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش؛ بىمارلار، بولۇپمۇ كېسىلى ئېغىر بىمارلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەۋزەل داۋالاش بايلىقى ۋە تېخنىكا كۈچلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىمارلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇپ، ئۈنۈملۈك، ياراملىق دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، دورا ھەم ۋاكسىنا پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرى يەنىلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى ئەڭ مۇھىم جاي، كارىۋات ۋە تېببىي خادىملار قاتارلىق داۋالاش بايلىقلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق دوختۇرخانىلارنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، ئېغىر كېسەللەر كارىۋىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، قوبۇل قىلىپ داۋالاش، يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش؛ يۇقۇملانغان بىمارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاپ قۇتقۇزۇش لازىم. نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، رايون خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەندىن باشقا شەھەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئىنچىكە، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. نوپۇسنىڭ يۆتكىلىپ كىرىشى زور بولغان ئۆلكە، شەھەرلەر بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، قايتقان كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بېكەت، ۋوگزال، ئايرودۇرۇملارنى دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى قىلىشى لازىم.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: داۋالاش ئەشيالىرى قاتارلىقلارنىڭ تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ماسكا، تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كۆرسەتكۈچكە يەتكۈزۈشىگە تېزدىن تۈرتكە بولۇپ، شارائىتى يار بەرگەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشى ياكى كەسپىنى ئۆزگەرتىشىگە ئىلھام بېرىپ، خىزمەتچى، ئۈسكۈنە، خام ئەشيا، مەبلەغ قىس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش؛ قىس ئەشيالارنى بىر تۇتاش ئاجرىتىپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئالدى بىلەن كاپالەتلىك قىلىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىققا ئۆلكە باشلىقى، كۆكتاتقا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، تەمىناتقا تەشكىللەشنى ھەقىقىي ياخشى قىلىش كېرەك. ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، جايلار ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، يەم-خەشەك قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تەمىناتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى تەشكىللەپ، ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلىشى لازىم.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق بولمىغان رايونلار  رايونلار، دەرىجە بويىچە دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى يولغا قويۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلىشى؛ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، سىياسەتنى دەل جايىدا يولغا قويۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ناھىيەلەرنى بىرلىك قىلىپ، ئوخشىمىغان ناھىيەلەرنىڭ خېيىم-خەتەر دەرىجىسىنى بېكىتىپ، پەرقلىق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى رايونلار، دەرىجە بويىچە تۈزۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ياخشى ئىشلەپ، بىر تەرەپلىمە ۋە چېكىدىن ئاشقان ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئاددىيلا تاقاش، توختىتىش بىلەنلا بولدى قىلىدىغان ئۇسۇلنى قوللانماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى لازىم.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 13-بەش يىللىق پىلان تاماملىنىدىغان يىل. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تېرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى يۈرۈشۈشى ھەم جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان تەسىرگە قارىتا، مۇناسىپ سىياسەت-تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش؛ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەبلىغىگە بولغان ئېھتىياجىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش؛ باسقۇچلۇق، قاراتمىلىق بولغان باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىش؛ پۇختا پۇل سىياسىتىنىڭ جانلىق، مۇۋاپىق بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ئېتىبارلىق ئۆسۈم نىسبىتى ئىناۋەتلىك قەرزى بىلەن قوللاشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان رايون، كەسىپ ۋە كارخانىلارغا قارىتىلغان پەرقلىق، ئېتىبارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىغا قويۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ياخشى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتىلغان مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇش؛ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق توپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللانغان ئاساستا ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، تاشقى ئېھتىياجنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم ئاجرىتىشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەلئىچى سېلىنمىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، بىر تۈركۈم زور تۈرلەرنى قۇرۇشقا تېزدىن تۈرتكە بولۇش؛ مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي تاۋار ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، گۈللەنمە ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تېزدىن قويۇۋېتىش؛ تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇشىنى قوللاپ، سودىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ خەلقئارا ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىپ، تاشقى سودىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىپ بېرىش؛ چەتئەل مەبلىغىدىكى چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ۋە يانداش بەلگىلىمىلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، چەتئەل مەبلىغىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش لازىم.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاش-ھەم بىر قېتىملىق چوڭ كۈرەش ھەم بىر قېتىملىق چوڭ سىناق. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، ھەم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىكى دادىللىقىنى ئىپادىلەپ، ھەم ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى پاراسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەم بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، خىزمەتنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ كۈرەش جەريانىدا ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، چوڭ سىناق جەريانىدا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خەلق كۈرىشى، ئومۇمىي جېڭى، تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى يىغىن ئېچىپ، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى