ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەتئەل سىياسىيونلىرى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ئىجابىي باھا بەردى ۋە قوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 14:13

يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيونلىرى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھال سورىدى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىندىستان زۇڭلىسى مودى مۇنداق دېدى: ھىندىستان جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قوللانغان كۈچلۈك تەدبىرىنى ئىنتايىن قۇۋۋەتلەيدۇ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدۇ ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى جونسون مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى ۋە داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دېسوسا مۇنداق دېدى: جۇڭگودىن سەمىمىي ھال سورايمەن، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا قەتئىي تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىغا تىلەكداشمىز.

گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپۇلوس جۇڭگو خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇ جۇڭگونىڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى ۋە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ تېزدىن توسۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان مۇنداق دېدى: شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يۇقۇمنى چوقۇم توسالايدۇ ۋە يوقىتالايدۇ.

ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇلمەجىد تېببون مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، خەلقئارا ۋە رايوننىڭ ئاممىۋىي سەھىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشتى.

ئېفوپىيە زۇڭتۇڭى ساھلى ۋورك زېۋدە مۇنداق دېدى:  جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توغرىسىدا بەرگەن سەلتەنەتلىك ۋەدىسى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى  تىرىشچانلىقىنى قۇۋۋەتلەيمىز ۋە قەتئىي قوللايمىز.

ئىرېلاندىيە زۇڭلىسى لېئو ۋارادكار مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى قۇۋۋەتلەيمىز ۋە قوللايمىز، ئىرېلاندىيە جۇڭگوغا چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇترېس مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاجايىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش روھى بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 74-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد باندى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرادىسى ۋە چىدامچانلىقى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقۇمنى مەنبەيىدىن تىزگىنلەش، يۇقۇمنىڭ تارقىتىلىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دۇنيادىكى باشقا رايونلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قىممەتلىك ۋاقىت چىقىرىپ بەردى. ئەگەر جۇڭگو مۇشۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەن بولسا، دۇنيادا بىمارلار بۇنىڭدىنمۇ كۆپىيىپ كەتكەن بولاتتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئاجايىپ تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدۇ.

جەنۇبىي ئافرىقا كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن شۇجىسى ماپېللا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى يۇقۇم ئالدىدا ئاجايىپ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى، بۇ سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەكس ئەتتۈردى. جەنۇبىي ئافرىقا كومپارتىيەسى جۇڭگودىن ئىپتىخارلىنىدۇ، بىزنىڭ قەلبىمىز سىلەر بىلەن چىڭ باغلانغان.

جىبۇتى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش خەلق ئىتتىپاقىنىڭ باش شۇجىسى ئىلياس مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ باشقا دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇپ، دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قايىل بولۇشىغا ئەرزىيدۇ.

مىسىر مۇخبىرلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ئەخمەد سالام مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادا ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگو ئۆز خەلقىگە مەسئۇل بولىدىغان، پۈتۈن دۇنياغا مەسئۇل بولىدىغا ھەقىقىي چوڭ دۆلەت.

ئۇنىڭدىن باشقا، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا، بېرۇنىي سۇلتانى ھەسەننال، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا، زامبىيە زۇڭتۇڭى ئېدگار لۇنگۇ، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى، مولدۇۋا زۇڭتۇڭى ئىگور دودون، ئىسلاندىيە زۇڭلىسى كاترىن جاكوبىسدوتتىر، رومىنىيە زۇڭتۇڭى جونسونىس، مىكرونېزىيە فدېراتسىيەسى زۇڭتۇڭى پانۇئېللو، سامويانىڭ دۆلەت باشلىقى تۇيمالى ئالىفانو، مالى زۇڭلىسى سىسسې، فىجى زۇڭلىسى مىبېنې مالاما، گىرىنىداد زۇڭلىسى مىچىل، كونگو (كىنشاسا)، جىبۇتى، ئانگولا، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلقئارا پۇقراۋىي ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ھال سورىدى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەتئەل سىياسىيونلىرى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ئىجابىي باھا بەردى ۋە قوللىدى

يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيونلىرى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھال سورىدى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.