ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىلمىي ھەمكارلىشىش ئارقىلىق «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئورتاق مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 14:20

جۇڭگو پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان پەيتتە، يەر شارىدىكى پەن-تەتقىقات كۈچلىرىمۇ پائال ھەرىكەتكە كەلدى. شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 11-، 12-كۈنلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا «پەن-تەتقىقاتى پىلانى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدىكى يەر شارى تەتقىقاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى» ئۆتكۈزۈلدى، دۇنيادىكى 400 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتى.

ۋىرۇس تارقىلىشنىڭ دۆلەت چېگرىسى يوق، دۇنيادىكى پەن-تەتقىقات خادىملىرى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئالدىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئىلمىي ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئورتاق مۇداپىيە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشتەك ئاقىلانە پوزىتسىيەسىنى نامايەن قىلدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، يەر شارىدىكى «يۇقۇم»نىڭ ئالدىنقى سېپىدە بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو  ھۆكۈمىتى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئىلمىي پوزىتسىيەدە چىڭ تۇردى، پەن-تەتقىقات خادىملىرى دەرھال ۋىرۇسنى ئايرىپ چىقىپ، گېن گۇرۇپپىسى تەرتىپىدىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بەھىرلەندى، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە  يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئاشكارا، ئېنىق ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك، قاتتىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللاندى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىشى، خەلقنىڭ غايەت زور شەخسىي قۇربانلىق بېرىشى بىلەن، يۇقۇمنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە يامرىشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى. ئۇ جۇڭگو «يۇقۇمنىڭ پارتلاپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يېڭى ئۈلگىسى»نى تىكلەپ بەردى، دەپ ماختىدى.

بۇ بىر مەيدان ئىنسانلارنىڭ ۋىرۇس بىلەن ئېلىشىش جېڭىدە، جۇڭگو ھەرگىزمۇ يالغۇز جەڭ قىلمىدى، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ تۈردە ياردىمىگە ئېرىشتى. نەچچە ئون دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات دەرھال ياردەم قولىنى سۇنۇپ، نۇرغۇن تېببىي ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلىدى؛ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئادەتتىكى ئامما جۇڭگوغا مەدەت بېرىپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرگۈدەك مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى ھەمدە ماسلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىنىپ، يەر شارىدىكى پەن-تەتقىقات كۈچلىرىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا توپلىدى.

مەسىلەن، يەر شارىدا دىياگنوز قويۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنى كۆزىتىش ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى ياخشىلاش ئۈچۈن، نۇرغۇن تەجرىبىخانىلارنى ئىشقا كىرىشتۈردى، يەر شارى تەكشۈرۈش تورىنى تېز بەرپا قىلدى؛ خەلقئارا سەھىيە كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، پەن-تەتقىقات ۋە يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى تېزلەتتى. بۇ قېتىم جەنۋەدە ئېچىلغان مۇنبەردە يەر شارىدىكى سەھىيە ساھەسىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاممىۋىي ئاپپاراتلاردىكى  ئەربابلار يىغىلدى، بۇ خەلقئارانى سەپەرۋەر قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى تىزگىنلەشكە كېرەكلىك قوراللارنى، مەسىلەن ۋاكسىنا، داۋالاش ۋە دىياگنوز قورۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خۇددى تېدروس ئېيتقاندەك، «ئىلىم-پەن كۈچلىرى ئارقىلىق يۇقۇمنى تىزگىنلەش ئىنتايىن مۇھىم. بىز بەزى مەسىلىلەرنى تېزرەك ھەل قىلىپ، تېببىي قوراللارنى تەتقىق قىلىپ چىقىشىمىز كېرەك».

ئىنسانلار دۇچ كەلگەن سەھىيە بىخەتەرلىكى خىرىسى ئالدىدا، ئاقىلانە بولۇش ۋە ھەمكارلىشىشلا توغرا يول. ئەكسىچە ئىش تۇتۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كەسپىي نوپۇزلۇق تەكلىپىگە پىسەنت قىلماي، ھەددىدىن ئاشقان ئىنكاس بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ھەددىدىن ئاشقان تەدبىرلەر بىلەن كەمسىتىشكە تۈرتكە بولۇش، ھەتتا بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ «جۇڭگو تەھدىتى»نى بازارغا سېلىش، جۇڭگوغا سودا ۋە ساياھەت چەكلىمىسى تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئىنسانلارنىڭ ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش ئورتاق مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىشقا پايدىسىز. ئامېرىكا مارىلاند داشۆسىنىڭ  خەلقئارا سەھىيە ھەمكارلىق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ۋوشنوپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقۇم پەيدا بولغاندا، چەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىش جامائەت پىكرىگە ماسلىشىش مەقسىتىدىكى سىياسەت، ئەمما بۇ تەدبىرلەر «بۇ خىل يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كېرەكلىك ھەمكارلىق ئۇسۇلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى ھەمدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى».

«تۆۋەن چەك ئىتتىپاقلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، يەنە ئىتتىپاقلىشىش» تېدروس خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىش ۋە بىردەك ئىتتىپاقلىشىش روھى بىلەن يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

ئىنسانىيەت تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، يۇقۇم بىلەن ئېلىشىش ھاياتلىقتىكى نورمال ھالەت. ئىلمىي ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، ئىنسانلارنى بىلىشنىڭ چېكى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، دۆلەت، ئىرق ۋە مەدەنىيەت چېگراسىدىن ھالقىپ، ئېنىقسىز يۇقۇمنىڭ خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. 1980-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدا چېچەكتىن ئىبارەت قەدىمىي يۇقۇملۇق كېسەللىكنى يوقىتىشنى جاكارلىغان، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا كەڭ كۆلەمدە چېچەك ۋاكسىنىسى ئەملەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشى، شۇ قېتىم غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. بىر قانچە يىل ئىلگىرى، ئافرىقىدا ئىبولا يۇقۇمى يامراپ، نەچچە ئون مىڭ كىشى قازا قىلدى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تېببىي خادىملىرى ئۆلتۈرۈش نىسبىتى %90كە يېتىدىغان بۇ ۋىرۇس ئالدىدا، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ بىمارلارنى داۋالىدى، نۇرغۇن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى سەپەرۋەرلىككە ئاۋاز قوشۇپ  ياردەم بەردى، جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كەينى-كەينىدىن ئىبولا ۋاكسىنىسى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، ئىنسانلارنى بۇ ۋىرۇسنى تىزگىنلەش ئۈمىدىگە ئىگە قىلدى.

يەر شارىدا كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار يەنە بولىدىغان بولسا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر داۋاملىق پەيدا بولىدۇ. يەر شارىلىشىش دەۋرىدە، ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشتۇر، يۇقۇملۇق كېسەللىك قاتارلىق تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىنسانلارنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى سىنىماقتا. كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەندە ئاقىلانە بولۇش توغرا پوزىتسىيەدۇر، ئىلىم-پەن بىزنىڭ كۈچلۈك قورالىمىز، ھەمكارلىشىش بىردىن بىر تاللىشىمىز. خۇددى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنياغا چىقارغان مۇراجىئەتتەك: بىزگە ۋەھىمە ئەمەس، بەلكى پاكىت كېرەك؛ يالغان سۆز ئەمەس بەلكى ئىلىم-پەن كېرەك؛ بىز سېسىق نامغا ئەمەس، ئىتتىپاقلىشىشقا موھتاجمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىلمىي ھەمكارلىشىش ئارقىلىق «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئورتاق مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلايلى

جۇڭگو پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان پەيتتە، يەر شارىدىكى پەن-تەتقىقات كۈچلىرىمۇ پائال ھەرىكەتكە كەلدى.