ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇبېي ئۆلكىسىدە يەنە بىر جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زاپاس دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 15:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭگاڭ شەھىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر ناھىيە بولغان شىشۈي ناھىيەسى ناھىيەلىك ئانا بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنى جىددىي ئىشلىتىپ قۇرۇۋاتقان يېڭى دوختۇرخانا رايونىنى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زاپاس نۇقتىلىق قوبۇل قىلىپ داۋالاش دوختۇرخانىسى قىلىپ، يەتتە كۈن ئىچىدە پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلاندى، مۆلچەرلىنىشىچە، يېڭىدىن 200 كارىۋات كۆپەيتىلىدىكەن.

خۇاڭگاڭ شەھىرى خۇبېىي  ئۆلكىسىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر رايون. خۇاڭگاڭ شەھەرلىك سەھىيە  ساغلاملىق كومىتېتى مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 24 كىچە، خۇاڭگاڭ شەھىرىدە جەمئىي 2398 ئادەمگە دىياگنوز قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىشۈي ناھىيەسىدە جەمئىي 280 ئادەمگە دىياگنوز قويۇلدى. شىشۇي ناھىيەسى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى «تەييارلىقسىز تۇرغاندىن تەييارلىقتا تۇرغان ياخشى» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى شىشۈيچە «شياۋتاڭشەن» دوختۇرخانىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن قېزىش ماشىنىسى، كۈرەكلىك ماشىنا ۋە يۈزگە يېقىن ئىشچى نەق مەيدانغا رەسمىي كىرىپ، جىددىي قۇرۇلۇش قىلىشقا باشلىدى. يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان دوختۇرخانا «ئۈچ رايون، ئىككى يول» ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىپ، بىر كېسەلخانا ۋە بىر ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقىنى جىددىي ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن بىر پولات قۇرۇلمىلىق ئاشخانا سالىدۇ. دوختۇرخانا 2ـ ئاينىڭ 18ـكۈنىدىن بۇرۇن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خۇبېي ئۆلكىسىدە يەنە بىر جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زاپاس دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ

2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن قېزىش ماشىنىسى، كۈرەكلىك ماشىنا ۋە يۈزگە يېقىن ئىشچى نەق مەيدانغا رەسمىي كىرىپ، جىددىي قۇرۇلۇش قىلىشقا باشلىدى.