ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 62086 گە يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 10:55

ئامېرىكا جونسون خوپكىنىس داشۆسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 15 يېرىمغىچە، ئامېرىكىدا دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 62086 گە يەتكەن، 869 بىمار قازا قىلغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ئىلگىرى: ئامېرىكا يەر شارىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ «مەركىزى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋەرگەندىن كېيىن يېقىندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس نامىنى جۇڭگوغا باغلىۋالماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ترامپ فوكۇس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «جۇڭگو ۋىرۇسى» دېگەن سۆزنى قايتا ئېغىزىمغا ئالمايمەن، دېگەن. بەزى ئامېرىكا ئاممىسى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىدە قىسقىغىنا بىر ھەپتىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىغا قارىتا: ئاسىيالىقلار ئەۋلادىدىن بولغان جۇڭگولۇقلارمۇ سايلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ، سايلام باشلىناي دەپ قالدى، بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بەردى، دەپ ھېسابلىغان. يەنە بەزى ئامما: ترامپ ھۆكۈمىتى ئۆزىگە تايىنىپلا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى، دەپ قارىغان.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 62086 گە يەتتى

ئامېرىكا جونسون خوپكىنىس داشۆسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 15 يېرىمغىچە، ئامېرىكىدا دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 62086 گە يەتكەن،