ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىراننىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقان جۇڭگولۇقلار

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 14:25

3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز-قۇرۇقلۇق يىپەك يولى شەھەرلەر ئىتتىپاقى سودا-سانائەت كېڭىشى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى چېن ساڭسۇڭ ۋە ئۇنىڭ قەدىناس دوستى، ئىرانلىق سودىگەر ھاسان تاۋانانىڭ ھەر كۈنى ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىشى يان تېلېفوننىڭ توكى قالماي قىلىش ئىدى.

يېقىقى كۈنلەردىن بۇيان، ئىككىيلەن ھەر كۈنى دۇنيادىكى 16 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن كېڭەش كارخانىلىرىنىڭ ئىئانە ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى ھەمدە ماددىي ئەشيالارنى ئىراننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، ئىككىيلەن دۇنيادىكى 48 كارخانا ئىئانە قىلغان تېببىي ماسكا ۋە تېببىي مۇداپىئە كۆزئەينىكىنىڭ ئىرانغا توشۇلۇشىنى ماسلاشتۇردى.

چېن ساڭسۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ شەھەرلىرى، سودا ئۇيۇشمىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. بىز ئىرانغا جىددىي ئىئانە توپلىدۇق، قىيىنچىلىقتا قالغان دوستلارغا ئوخشاش ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلىدۇق.

بېيجىڭ شىنياڭگۇاڭ خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ جېڭچېن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئەڭ قىيىن، ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە تۇرغاندا، ئىران پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ جۇڭگوغا ماسكا ئىئانە قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىز ياخشىلاندى، شۇنداقلا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قىيىنچىلىقتا قالغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ليۇ جېڭچېن تۇرۇشلۇق فوند جەمئىيەت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىرانغا بەش تۈركۈم ماددىي ئەشيا توپلىدى ۋە ئىئانە قىلدى.

جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت نومۇرىدا ھەر كۈنى نۇرغۇن تورداشلار سۆز قالدۇرۇپ، ئىراننىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئىئانە قوبۇل قىلىش يوللىرىنى ئېلان قىلدى، بىر كۈندىلا 4 مىليون يۈەن ئىئانە يىغىلدى. ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېشاۋارززاداھ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشياسى ئىئائە قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە مېھرىبانلىقى كىشىنى قايىل قىلىدۇ ۋە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ، دېدى.

گۇاڭدۇڭ ۋەنياڭ دورىگەرلىكىنىڭ باش مۇدىرى لياۋ يىبىن ئۆزىنىڭ دورىگەرلىك ساھەسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر-بىرلەپ تېلېفون بېرىپ، 11 مىڭ ماسكا ۋە 400 پەلەي توپلاپ، 3- ئاينىڭ 11-كۈنى ئىراننىڭ گۇاڭجۇدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇ «يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن ئازابنى بىز چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى.
2-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەردە، ئىران تۇنجى بىمارنى دوكلات قىلىپ 10 كۈندىن كېيىن، جۇڭگو قىزىل كىرست جەمئىيىتى پىدائىيلار داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنى تېھرانغا ئىراننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. ھازىر مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسى جۇ شياۋخاڭ تېھران قاتارلىق جايلاردا جىددىي خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ھەر قېتىم سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامبىرىغا بېرىپ، دۆلەت ئىچىدىكىلەر ئىئانە قىلغان ماددىي ئەشيالارنى ھېسابلىغاندا، ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى جۇڭگو قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ بەلگىسىنى كۆرسىلا، ئۇلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ، داۋاملىق «جۇڭگوغا رەھمەت!» دەيدۇ.
ئىراننىڭ گۇاڭجۇدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى شىرگورامى مۇنداق دېدى: «ۋىرۇس ئالدىدا، ئىنسانلار ئىدېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلەردىن ۋاز كېچىپ، پائال ھەمكارلىشىپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ھەمكارلىشىپ دورا ۋە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بۇ قېتىم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى جەھەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى، بۇ ئۇسۇللارنى باشقا دۆلەتلەر ئۆرنەك قىلىشى كېرەك.
ئىران تېھران داشۆسى ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا تەتقىقات يۇرتىنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى ھەسەن ئەھمەد مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئىراننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ئەڭ بالدۇر ياردەم بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو ئىرانغىلا ئەمەس يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنى جىددىي ئېھتىياجلىق دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىسى ۋە كەسپىي داۋالاش بىلىملىرى جەھەتتە ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك پوزىتسىيەسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى بىر چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ماسىخ دانېشۋارى دوختۇرخانىسى تېھراندىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى داۋالايدىغان نۇقتىلىق دوختۇرخانىلارنىڭ بىرى، نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سېستراسى سوماي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دوختۇرخانا جۇڭگونىڭ تەجرىبىسى ۋە تەكلىپىگە ئاساسەن لايىھە تۈزۈپ، كىلىنىكىلىق داۋالاشتا قوللانماقچى.

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى 82 دۆلەت ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دورىسى، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ماددىي ئەشيالىرى ياردەمگە ئېرىشكۈچى تەرەپكە يەتكۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو دۇنيادىكى 100 نەچچە دۆلەت، 10 نەچچە خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە داۋالاش لايىھەسى قاتارلىق نۇرغۇن تېخنىكىلىق ھۆججەتلەردىن بەھرىلەنگەن.

تېھران داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى سەئىد مۇھەممەد ماراندى مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەردلىك بىلەن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، تەجرىبىسىدىن تەڭ بەھرىلەندى، بۇ ئىران ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋاقىت ۋە بايلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىگە پايدىلىق، بۇ دەل ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى.

گۇاڭدۇڭ ۋەنياڭ دورىگەرلىكىنىڭ باش مۇدىرى لياۋ يىبىن مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق. يەر شارى بىر گەۋدىلەشكەن دەۋردە باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىك ئۆزىگە ياردەم بەرگەنلىكتۇر.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىراننىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقان جۇڭگولۇقلار

3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز-قۇرۇقلۇق يىپەك يولى شەھەرلەر ئىتتىپاقى سودا-سانائەت كېڭىشى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى چېن ساڭسۇڭ ۋە ئۇنىڭ قەدىناس دوستى، ئىرانلىق سودىگەر ھاسان تاۋانانىڭ ھەر كۈنى ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىشى يان تېلېفوننىڭ توكى قالماي قىلىش ئىدى.