ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭ، شاڭخەيدە 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالتە ۋە 18 بىمار كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 18:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت نۆلدىن 24 كىچە، بېيجىڭ شەھىرىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئالتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى يېڭىدىن كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيەدىن كەلگىنى ئۈچ، كانادا، فىرانسىيە، ۋېنگىرىيەدىن كەلگەنلىرى بىردىن ئىكەن؛ بېيجىڭنىڭ ئۆزىدە دىياگنوز قويۇلغان بىمار يېڭىدىن كۆپەيمىگەن.

شاڭخەي شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت نۆلدىن 24 كىچە، چېگرا ئېغىزى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئارقىلىق، چېگرا سىرتىدىن كىرگەن 18 بىمار دوكلات قىلىندى. 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 24 كىچە، شاڭخەي شەھىرى دوكلات قىلغان چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمار جەمئىي 112 گە يەتتى، ھازىر بار بولغان چېگرا سىرتىدىن كىرگەن 20 گۇمانىي بىمار رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلمەكتە. چېگرا سىرتىدىن كىرگەن 18 بىمار بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئاپىرىلىپ داۋالاپ قۇتقۇزۇلماقتا، ئىز قوغلاپ تېپىلغان شۇ ئايروپىلاندىكى 73 يېقىندىن ئۇچراشقۇچى مەركەزلىك ئايرىلىپ كۆزىتىلمەكتە.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭ، شاڭخەيدە 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالتە ۋە 18 بىمار كۆپەيدى

3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت نۆلدىن 24 كىچە، بېيجىڭ شەھىرىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئالتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى يېڭىدىن كۆپەيگەن،