ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چىڭخەي ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، سودا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش توغرىسىدا قارار چىقاردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 18:15

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېچىلغان چىڭخەي ئۆلكىلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15-سانلىق يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئوقۇشىچە، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى چىڭخەي ئۆلكىلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-سانلىق يىغىنىدا «چىڭخەي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش، سودا قىلىش ۋە يېيىشنى مەنئىي قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللانغان.

چىڭخەي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ مۇفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قارار»دا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار، چىڭخەي ئۆلكىسى نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ھەمدە قانۇن-نىزاملاردا ئوۋلاش، ئۆلتۈرۈش مەنئى قىلىنغان باشقا ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاشنى مەنئى قىلىش؛ بارلىق قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار (جۈملىدىن سۈنئىي كۆپەيتىلگەن، سۈنئىي بېقىلغان قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار)، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان سۇدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار، چىڭخەي ئۆلكىسى نۇقتىلىق قوغدايدىغان سۇدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار شۇنىڭدەك قانۇن-نىزاملاردا يېيىش مەنئى قىلىنغان باشقا ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش؛ دۆلەت ۋە چىڭخەي ئۆلكىسى نۇقتىلىق قوغدايدىغان قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ھەمدە ئۇنىڭ ياسالمىلىرىنى سېتىش-سېتىۋېلىش، پايدىلىنىشنى مەنئى قىلىش ئېنىق بەلگىلەندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چىڭخەي ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، سودا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش توغرىسىدا قارار چىقاردى

3-ئاينىڭ 25-كۈنى چىڭخەي ئۆلكىلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-سانلىق يىغىنىدا «چىڭخەي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش، سودا قىلىش ۋە يېيىشنى مەنئىي قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللانغان.