ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام بىلەن ئالاقىلىشىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 18:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام بىلەن ئالاقىلىشىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دائىرىلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، گۇاڭجۇ شەھىرى تيەنخې مەركىزىي سودا رايونى ئىچىدىكى ھەربىر بىنانىڭ كىرىش ئېغىزىدا كىشىلەر قاتار تىزىلغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئاڭلىق ھالدا بىر مېتىر ئارىلىقنى ساقلاپ، تەرتىپ بويىچە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرتۈپ ئىشىكتىن كىردى.

تيەنخې مەركىزىي سودا رايونىدا بىنالار كۆپ، كارخانىلار كۆپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار بۆلەكلەر بويىچە ئاساسىي قاتلام بىلەن ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىكىدىكى كارخانىلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئالاقىلىشپ، كارخانىلار دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىگە پارتىيەلىك كادىرلار دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

فوشەنگە جايلاشقان گۇاڭدۇڭ سانائەت لايىھەلەش شەھەرچىسى باغچە رايونى پارتكومى «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش، ئۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» خىزمەت ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە تەشكىلاتى، جەمئىيەت كارخانىلىرى، كادىرلار ۋە ئاممىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، مەھەللە پارتكومى، «يېڭى ئىقتىسادى تەشكىلات ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات» پارتىيە ياچېيكىسى، پارتىيە ۋە ئامما ئاۋانگارت ئەترىتىدىن ئىبارەت ئۈچ كۈچكە تايىنىپ، خىزمەتلەرنى ھەر بىر سېخ، گۇرۇپپىلارغىچە ئىنچىكىلەشتۈردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有