ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو تۆت تۈركۈمدە 89 دۆلەت ۋە تۆت خەلقئارا تەشكىلاتقا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ياردەم بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 18:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

3-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات-ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېڭ بوچىڭ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات-ھەمكارلىق مەھكىمىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار ۋە كارخانىلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي سىرتقا ياردەم بەردى. نۆۋەتتە تۆت تۈركۈمدە 89 دۆلەت ۋە تۆت خەلقئارا تەشكىلاتقا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ياردىمى بەردى، ھازىر 5-تۈركۈمدىكى ياردەمنى يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈلىۋاتىدۇ.

دېڭ بوچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سىرتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ياردەم بېرىش ۋاقتى ئەڭ مەركەزلەشكەن، چېتىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان بىر قېتىملىق جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى. نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. نۆۋەتتە يەر شارىدا يۇقۇم يەنىلا كۈچىيىۋاتىدۇ، جۇڭگو يەنىلا «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تەڭ ھالقىلىق پەيتتە تۇرماقتا. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو تۆت تۈركۈمدە 89 دۆلەت ۋە تۆت خەلقئارا تەشكىلاتقا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ياردەم بەردى

دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات-ھەمكارلىق مەھكىمىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار ۋە كارخانىلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي سىرتقا ياردەم بەردى. نۆۋەتتە تۆت تۈركۈمدە 89 دۆلەت ۋە تۆت خەلقئارا تەشكىلاتقا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ياردىمى بەردى