ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 18:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى «مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن تور مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن تور مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىپ رايون، تارماق ھالقىپ ئىشلىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دۆلەتنىڭ مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سۇپىسىنى باش تۈگۈن قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ جايلار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سۇپىسىدا قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، تەكرار ئىشلىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى مەمۇرىيەت مۇلازىمەت ساھەسىدە قوللىنىش مۇندەرىجىسىنى رەتلەپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن سۇپىدىكى ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسىدىن تەڭ بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ توردا، تور سىرتىدا قوللىنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بىلەن بېجىرىلىدىغان ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئۆلكە ئىچى ۋە ئۆلكە ھالقىپ «بىر توردا بېجىرىلىشى» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى

يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى «مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن تور مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ،