ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇبېي ئۆلكىسىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بىر قېتىمدىلا بېرىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 18:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، خۇبېي ئۆلكىسى 2020-يىلى خۇبېيدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلىنى بىر قېتىمدىلا بېرىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى تەكلىپ قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا يېتەكلەپ، يۈز تۇرانە ئىمتىھان سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ۋە كېلىشىم ئىمزالاپ قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدىكەن. خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى يېقىندا «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

خۇبېي ئۆلكىسى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېقىندا كارخانىلارغا قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ياكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسا ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. خۇبېي يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تولۇقلىما ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، كارخانا، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈر، پەن-تەتقىقات تۈرىدە پىراكتىكا ئىش ئورنى تەسىس قىلىشنى قوللايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خۇبېي ئۆلكىسىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بىر قېتىمدىلا بېرىلىدۇ

مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، خۇبېي ئۆلكىسى 2020-يىلى خۇبېيدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلىنى بىر قېتىمدىلا بېرىپ،