ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2020-يىلى مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى بىر ئاي ئۇزارتىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 18:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى بىر ئاي كېچىكتۈرۈلدى، ئىمتىھان ۋاقتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە بولىدۇ.

كونكرېت پەنلەرنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى: 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانى سائەت 9:00 دىن سائەت 11:30غىچە؛ ماتېماتىكا ئىمتىھانى 15:00 تىن سائەت 17:00 گىچە ئېلىنىدۇ. 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىجتىمائىي پەن ئۇنىۋېرسال ئىمتىھانى ۋە تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسال ئىمتىھانى سائەت 9:00 دىن سائەت 11:30غىچە ؛ چەتئەل تىلى ئىمتىھانى سائەت 15:00 تىن 17:00 گىچە ئېلىنىدۇ.

خۇبېي ئۆلكىسى ۋە بېيجىڭ شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قوشۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلسا بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有