ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۆمۈر يول تارماقلىرى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بېيجىڭ-گۇاڭجۇ تۆمۈر يولىنىڭ چېنجۇ بۆلىكىدىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن لىنىيەنى جىددىي رېمونت قىلىشقا تەشكىللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 18:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، گۇاڭجۇ تۆمۈريول گۇرۇھى 1000دىن ئارتۇق ئادەمنى بېيجىڭ-گۇاڭجۇ تۆمۈر يولىنىڭ چېنجۇ بۆلىكىدىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن لىنىيەنى پۈتۈن كۈچى بىلەن رېمونت قىلىشقا تەشكىللەپ، ئاجراپ كەتكەن ۋاگونلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلەتتى ھەمدە تەخمىنەن 380 مېتىر زىيانغا ئۇچرىغان رېلىسنى ئالماشتۇردى.

نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئورنىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر نەق مەيداننى تازىلاشتا ئاساسلىقى ۋاگونلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قىيىنچىلىق بىر قەدەر چوڭ ئىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيدان بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئايلىنىشىغا پايدىسىز ئىكەن. نۆۋەتتە نەق مەيداندا يەتتە قېزىش ماشىنىسى، ئالتە رېلىسلىق ئاپتوموبىل، ئىككى چىڭداش ماشىنىسى، ئۈچ قۇتقۇزۇش پويىزى قاتارلىقلار ئىشقا سېلىنىپ، جىددىي رېمونت قىلىنىۋېتىپتۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有