ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى تەڭ چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 12:16

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شيەننىڭ شەھىرىگە بېرىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

سۈن چۈنلەن شيەنئەن رايونى تىڭسىچياۋ بازىرى خۇاڭجىڭتاڭ كەنتىدىكى باھار چېيى تېرىقچىلىق بازىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى ۋاقىتقا بۆلۈپ تارقاق ئىشلەپچىقىرىشقا تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنى ئىنچىكە تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى توشۇش، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە «يېشىل يول» ئېچىپ بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى بايلىقنى زور كۈچ بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ، كۆپخىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خۇبېينىڭ پەسىللىك سۈپەتلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى تېز ئېچىش كېرەك.

مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئارقىدىن خۇبېي ئاۋرۇيجىن ئوراقچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋە شيەننىڭ نەنبو فوتو ئەينەك چەكلىك شىركىتىگە باردى. سۈن چۈنلەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، كەسىپ تەرەققىياتىنى قوللاش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ماسلىشىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يەرلىك ۋە كارخانىلار ئىنكاس قىلغان قىيىن، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش لازىم. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پۈتۈن جەرياندا «دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش»نى ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشتىن-ئاخىر ياخشى قىلىپ، ئىش ئورنىغا قايتقانلارغا «بىر ئادەمگە بىر ئارخىپ تۇرغۇزۇش»تەك ساغلاملىق باشقۇرۇشىنى قىلچە بوشاشماي كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى تەڭ چىڭ تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى تەڭ چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش كېرەك

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن،