ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە داۋالاپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 12:16

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ خۇبېيغا بارغان يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يېتەكچىلىك قىلغان ۋە تەشكىللىگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە داۋالاپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شياۋۋېي مۇنداق دېدى: جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ۋۇخەن ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىنغان مەملىكەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى ئاساسەن توسۇلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە باسقۇچلۇق مۇھىم ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خۇبېيغا ياردەمگە بارغان 40 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىمنىڭ بىرىمۇ يۇقۇملانمىدى. ھازىر داۋالاپ قۇتقۇزۇشنى داۋاملىق بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك، خۇبېيدا يەنە 1500گە يېقىن بىمار بار، كېسىلى ئېغىر ۋە كېسىلى خەتەرلىك بىمار ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپ، قۇتقۇزۇش ئۆمىكى پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالاپ قۇتقۇزۇپ، ئازراق ئۈمىد بولسىلا، ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەر بىر ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشى كېرەك.

دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، مۇھىم نۇقتىنى «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى قىسىمدا قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا قارىتىش كېرەك. دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، دەل جايىدا باشقۇرۇپ تىزگىنلەش كېرەك. مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شۆجۈن مۇنداق دېدى: چېگرادىن كىرگەنلەرنى ئىز قوغلاپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايونلار ئارا ماسلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئادەملەرنى توشۇشنى نۇقتىدىن نۇقتىغا يوچۇقسىز ئۇلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، توشۇش جەريانىدا يۇقۇملىنىش ۋە كېسەل تارقىتىش خەۋپىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىش كېرەك.

دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكنى كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چاڭ جىلې كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار ھەمدە ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ، كۈندىلىك يۇقۇم مەلۇماتىدا كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار ھەققىدىكى دوكلاتنى، ئۇلار قايتقان جاي ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە داۋالاپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ خۇبېيغا بارغان يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يېتەكچىلىك قىلغان ۋە تەشكىللىگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە داۋالاپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.