ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىچاڭدىكى ئوت ئاپىتى قاپلىغان كۆلەم مىڭ گېكتاردىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 12:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستى شىچاڭ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكىچە، شىچاڭدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى قاپلىغان كۆلەم مىڭ گېكتاردىن، بۇزۇلغان كۆلەم 80 گېكتاردىن ئاشقان. شىچاڭنىڭ لۇشيەن تېغىدا ئوت يالقۇنى قالمىغان، ئەمما يەنىلا قايتىدىن تۇتىشىش خەتىرى مەۋجۇت ئىكەن، مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى پۈتۈن لىنىيەنى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلغان.

شىچاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوت ئاپىتىدە 18 ئوت ئۆچۈرگۈچى ۋە بىر يول باشلىغۇچى قۇربان بولدى، ئۈچ ئوت ئۆچۈرگۈچى يارىلاندى. نۆۋەتتە، بۇ ئۈچ ئېغىر يارىدار دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا، ئەھۋالى مۇقىم. شىچاڭ شەھىرى بىر قۇربان بولغۇچىغا بىر مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تېببىي خادىملار ۋە روھىي جەھەتتىن يېتەكلىگۈچىلەردىن تەشكىللەنگەن مۇلازىمەت گۇرۇپپىسىنى قۇربان بولغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئالاقىدار ئورۇنلار قۇربان بولغان 19 قەھرىماننى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى باشلىدى. كېيىنكى نەپىقە بېرىش سىياسىتى تۈزۈلمەكتە.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىچاڭدىكى ئوت ئاپىتى قاپلىغان كۆلەم مىڭ گېكتاردىن ئاشتى

سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستى شىچاڭ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكىچە، شىچاڭدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى قاپلىغان كۆلەم مىڭ گېكتاردىن، بۇزۇلغان كۆلەم 80 گېكتاردىن ئاشقان. شىچاڭنىڭ لۇشيەن تېغىدا ئوت يالقۇنى قالمىغان،