ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئىقتىسادى يۇقۇم»نى تىزگىنلەشتە، يەر شارى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 12:59

نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىدا تېز كېڭىيىپ يامراۋاتىدۇ، بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆلگىچە، پۈتۈن دۇنيادا دىياگنوز قويۇلغان بىمار 754مىڭ 948 كە يەتتى، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تەسىرى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈپ، يەر شارىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېھتىياجىغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بولۇۋاتىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقىغا قارىتا، كۆپ تەرەپلىك قاتلامدىن كۈچلۈك ۋە ماس سىياسەت، ھەرىكەت قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرىدىغان خەلقئارا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش يەر شارىدا كىرىزىسىنى پەسەيتىشنىڭ ئاچقۇچى. يېقىندا ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر دۇنيا ئىقتىسادى، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداپ، بازار ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يۇقۇمنىڭ دۇنيا سودىسى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

يەر شارىلىشىش دەۋرىدە، يۇقۇم پەيدا قىلغان تەسىر ئاممىۋى سەھىيە قاتلىمىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا قانداق تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا تەڭ ئېتىبار بېرىشى ئېنىقكى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا غايەت زور خىرىس ئېلىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە، نۆۋەتتە نۇرغۇن ئىقتىسادى گەۋدىلەر يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىگە خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، پۇل ۋە مالىيە سىياسىتىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە تەدبىر قوللانماقتا.

پۇل سىياسىتى جەھەتتە، كۆپ دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى بەس-بەستە ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتتى ھەمدە 2008-يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم يېڭىدىن مىقدارلاشقان قويۇۋېتىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، بازارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىنى داۋاملىق قويۇۋەتتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش ئىدارىسى 3-ئايدا ئۇدا ئىككى قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى جىددىي تۆۋەنلەتتى ھەمدە «چېكى يوق» مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى؛ ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى قىممىتى بىر تىرىليون ياۋرولۇق جىددىي مۈلۈك سېتىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مالىيە سىياسىتى جەھەتتە، كۆپ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى قاراتمىلىقى بولغان ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد ۋە تۇرمۇشقا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى ئازايتتى. يېقىندا، ئامېرىكا ئىككى تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مالىيەنى غىدىقلاش پىلانىنى ماقۇللىدى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىر قاتار قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادنى غىدىقلاش لايىھەسى ۋە نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ھۆكۈمەت قەرز پۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

لېكىن، بىر دۆلەت دائىرىسىدە ئىقتىسادقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنىڭ چەكلىمىلىكى بار، ئەگەر سىياسەت جەھەتتە ماسلاشتۇرۇش كەمچىل بولسا، كەڭ كۆلەملىك غىدىقلاشنىڭ ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەس، يەنە كېلىپ بۇ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئۆزئارا «قوشنىلارغا قارا ساناش» تەك سودا سىياسىتى كىرىزىسنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ. شۇڭا، «ئىقتىسادىي يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇشتا، ھەرقايسى تەرەپلەر خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق سىياسەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى بىرلىكتە ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلىكتە تەدبىر قوللىنىپ، تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ ۋە كەچۈرۈم قىلىپ، توساقنى بىكار قىلىپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچلۈك سىگنال چىقىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

2008-يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدە، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىپ، پۇل ئالماشتۇرۇشنىڭ دائىرىسى ۋە نورمىسىنى كېڭەيتىش، ھەر قايسى مەركىزىي بانكىلارنىڭ بىرلىشىپ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كىرىزىسنىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادقا بولغان زەربىسىنى ئىمكانقەدەر پەسەيتكەن. بۇ قېتىمقى «ئىقتىسادىي يۇقۇم» ئالدىدا، ھەر قايسى تەرەپلەر پايدىلىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تەڭ تاقابىل تۇرۇش ھالىتى بىلەن خىرىسقا يۈزلىنىشى كېرەك.

كىرىزىس دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشتىكى كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسەت ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى سىنىماقتا. «جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش»- جۇڭگو رەھبىرىنىڭ بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا چىقارغان چاقىرىقى. ھازىرقى باسقۇچتا، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىپ، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا جۇڭگونىڭ ھەسسسىنى قوشماقتا. جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشماقتا ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلماقتا.

ئىنسانلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىرىزىسنىڭ پەيدا بولۇشى بىرىنچى قېتىملىق ئىش ئەمەس شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقىمۇ ئەمەس. ئىشىنىمىزكى، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتسەكلا، ئىنسانلار جەزمەن يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئىقتىسادى يۇقۇم»نى تىزگىنلەشتە، يەر شارى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى كېرەك

نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىدا تېز كېڭىيىپ يامراۋاتىدۇ، بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆلگىچە، پۈتۈن دۇنيادا دىياگنوز قويۇلغان بىمار 754مىڭ 948 كە يەتتى،