ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاسىيا بىلەن ياۋروپا خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا، جۇڭگونىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرى ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 13:06

نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاسىيا، ياۋروپا رايونىدا داۋاملىق يامرىماقتا، رۇسىيەدە دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشتى، تاشقى كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. خەتەرلىك پەيتتە، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلاشتى، جۇڭگو تەجرىبىسى، جۇڭگو تېخنىكىسى، جۇڭگو ئەشيالىرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ خەتەرلىك پەيتتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىپ، دۇنياغا يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىسى ۋە كۈچىنى ئاتا قىلماقتا.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاسىيا، ياۋروپا رايونىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ۋىدىيودا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دوختۇرخانا باشقۇرۇش، تېببىي مۇداپىئە، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھەسى، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش قاتارلىق قىممەتلىك تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دوختۇرخانىلىرى يەنە جۇڭگونىڭ دوختۇرخانىلىرى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش جەھەتتە دائىملىق ئالاقە ئورناتتى. پايانسىز ئاسىيا-ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىدە، جۇڭگو تەجرىبىسى يۇقۇمنىڭ ئازابىغا ئۇچرىغان شۇ جايدىكى ئاممىغا ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

قۇترىغان يۇقۇم ئالدىدا، تۈركۈملىگەن جۇڭگو ئەشيالىرى تىيانشان تېغىدىن ھالقىپ، ۋولگا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كاۋكاز تاغ تىزمىسى ئارقىلىق، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش 1-سېپىگە يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو گىرۇزىيەگە ئىئانە قىلغان مىڭ يۈرۈش يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دورا قۇتىسى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى؛ شەندۇڭ ئۆلكىسى قازاقىستانغا يۈز مىڭ ماسكا ۋە ئالتە مىڭ مۇداپىئە كىيىمى ئىئانە قىلدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى قازاقىستانغا ئىئانە قىلغان 180 مىڭ ماسكا قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش 1-سېپىگە يەتكۈزۈلدى؛ جۇڭگو-قىرغىزىستان چېگراسىدىكى تورغات چېگرا ئېغىزىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياردەم قىلغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەشياسى قىرغىزىستانغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى؛ مايۈن جامائەتچىل فوندى جەمئىيىتى ۋە ئەلى بابا جامائەتچىل فوندى جەمئىيىتى ئىئانە قىلغان بىر مىليون ماسكا ۋە 200 مىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دورىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى بىلەن رۇسىيەگە يەتكۈزۈلدى. ھۆكۈمەتتىن كارخانىلارغىچە ھەممىسى بەس-بەستە ياردەم قولىنى سۇنماقتا.

جۇڭگونىڭ ياخشىلىقى ۋە ھەققانىي ئىشلىرى-جۇڭگو بىلەن ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەمراھلىرىنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان تەقدىرداشلاردىن ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سېخىيلىق بىلەن بېلورۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى، دوختۇرلىرىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىسىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلغانلىقى، بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت دېدى. ئۇكرائىنا زۇڭلىسى شىمىگال جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1-سېپىدە توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىسى ئۇكرائىنا ئۈچۈن بەك پايدىلىق، جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنانى كۆپ خىل شەكىللەردىكى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت دېدى. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ رۇسىيە جۇڭگونىڭ تەجرىبىسىنى پائال ئۆرنەك قىلىۋاتىدۇ ھەم ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ دېدى.
ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە سىنىلىدۇ. جۇڭگو خەلقى جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ قىيىن پەيتىدە تۇرغاندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەشيالىرى لىق بېسىلغان رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ كۆپ قېتىم ۋۇخەنگە كەلگەنلىكى، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقى ھەم جۇڭگوغا 30 مىڭ تۇياق قوي ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىكى، گۇاڭجۇدا ئوقۇۋاتقان ئۆزبېكىستانلىق يىگىتنىڭ يۇرتىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ماسكا سېتىۋېلىپ، ئىككى قېتىم زەربىدارلىق بىلەن جۇڭگودىكى دوستلىرىغا تەقدىم قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر يۇقۇمنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلگەندە، جۇڭگو ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ھەر قايسى تەرەپلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلدى. مەيلى قازاقىستانغا ياردەم بېرىش ئەشيالىرىغا قازاقىستانلىق شائىر ئاباينىڭ «سىرداش دوست، ئالاھىدە ئېھتىياج» دېگەن مىسرالىرى يېزىلغان بولسۇن، مەيلى رۇسىيەگە ياردەم بېرىش ئەشيالىرىغا پۇشكىننىڭ «ھەممە ۋاقىتلىق، ھەممە ئۆتۈپ كېتىدۇ» دېگەن مىسرالىرى يېزىلغان بولسۇن، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىپ، ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەمراھلىرى بىلەن ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

نۆۋەتتە، يۇقۇم يەر شارىدا تېز سۈرئەتتە يامراپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق خىرىسقا دۇچ كېلىپ، مىسلىسىز ئىتتىپاقلىق ۋە كۈچكە موھتاج بولماقتا. يېقىندا ئاياغلاشقان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىدا، جۇڭگو رەھبىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا بولغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىز ئۆز سەنىمىمىزگە دەسسىسەك بولمايدۇ، يۇقۇمغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش-خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تاللىشىغا ئايلىنىشى كېرەك دېدى.

مىڭ يىللىق تارىخنى ئەسلىسەك، ئىنسانلار كۆپ قېتىم ۋابا بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرلۇق، قۇربان بېرىش، خالىسلىق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۈمىد ئوتىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتقان. ھەقىقىي ھېسسىيات يۇغۇرۇلغان، تەقدىرى ئۆز ئارا باغلانغان بىر ھېكايىدە، جۇڭگو يەر شارىدىكى ھەمراھلىرى بىلەن «ساغلام يىپەك يولى»نى بىرلىكتە قۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە، ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلماقتا. بىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولسىلا، چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى بىرلىكتە قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئاساسىمىز بار.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاسىيا بىلەن ياۋروپا خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا، جۇڭگونىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرى ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى

نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاسىيا، ياۋروپا رايونىدا داۋاملىق يامرىماقتا،