ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 13:12

نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە باسقۇچلۇق مۇھىم ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپ تېز ئەسلىگە كەلدى. مەزكۇر گېزىت مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چەتئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە تاراتقۇ ئەربابلىرى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگودىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ياخشى بولۇشتەك ئاساسى يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەن توغرا ھۆكۈمىنى ئىسپاتلىدى. بۇ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىنى شەرھلىدى، جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى لوكوك، جۇڭگو ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، بۇ دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا زور تۆھپە قوشىدۇ، دەپ قارىدى.

تايلاند دۆلەت تەتقىقات يۇرتى تايلاند-جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى تاڭ لوڭگۇڭ ۋۇسېنترانگۇ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى تېز ئەسلىگە كېلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئىستىقبالى يەنىلا ياخشى بولىدۇ.

جۇڭگو-ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گوڭجيې داككا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇستەھكەم ھەمدە ئىچكى ئېھتىياج بازىرى كەڭ بولۇپ، كۆرۈنەرلىك خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئېلاستىكلىقىغا ئىگە. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ياخشى تەرەققىي قىلىشى پۇختا ئاساسقا ئىگە.

بىرازىلىيە رىئودى ژانىيرو فېدېراتسىيە داشۆسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى پىروفېسسورى دىسىيانا ئالۋارېس مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا قۇدرەتلىك ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە تەشكىللەش ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

دۇنيا بانكىسىنىڭ سابىق ئىقتىسادشۇناسى، كىنىيەلىك ئالىم مۋاڭجى ۋاجىرا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ئۇنىۋېرسال تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى دۆلەت ئىچى بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق، ئىستېمال، پەن-تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى بار، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە كاپىتال بازىرىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ.

ئەنگلىيە كامبرىج داشۆسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مارتېن ياك باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆز تۈزۈمىگە تايىنىپ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنى كونترول قىلدى. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، جۇڭگو جەمئىيىتى نورمال ھالەتنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە.

سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسى لى گۇاڭياۋ ئاممىۋى سىياسەت شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى گۇ چىڭياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىي پائالىيەت تەشكىللەش جەھەتتە نۇرغۇن سىياسەت قورالى ۋە تەدبىرى بار، سىياسەت بوشلۇقى ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك. «جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر قاتار پۇل سىياسىتى ۋە مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈم ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدۇ.

فىرانسىيە پارىژ 8-داشۆسىنىڭ جۇغراپىيە سىياسىيشۇناسلىق پىروفېسسورى پىئېر پىكار مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى، مۇقىم كەسىپ ئاساسى ۋە غايەت زور ئىچكى ئېھتىياج بوشلۇقىنى نەزەردە تۇتقاندا، يۇقۇمنىڭ جۇڭگوغا بولغان تەسىرى قىسقا مۇددەتلىك بولىدۇ، بۇنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە قايتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

تايلاند جېڭدا باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، سىيام ئاقىللار ئامبىرىنىڭ رەئىسى خوڭ فېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زۆرۈر ئىجتىمائىي بايلىق ۋە كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچى بازىرى ۋە ئېكسپورت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، شۇڭا جۇڭگو ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندىمۇ ھاياتىي كۈچىنى ساقلىيالايدۇ.

پاناما ئىقتىسادشۇناسى ئېدى تاپېرو مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ تور ئىقتىسادى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى كەسىپلىرى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. «نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېزگىنلەشتە باسقۇچلۇق مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو سىناققا بەرداشلىق بەردى. يۇقۇمدىن كېيىن، بەزى يېڭى ئەندىزە ۋە يېڭى ھالەتنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز».

گېرمانىيە كولون ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى كرىستىئان رۇشې مۇنداق دېدى: زور ئىچكى ئېھتىياج بازىرى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى قاتارلىق ئامىللار يۇقۇمنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان قىسقا تەسىرىنى پەسەيتىدۇ. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايمىز.

جەنۇبىي ئافرىقىلىق ئىقتىسادشۇناس مارتېن داۋىس مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە، يۇقۇم نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەڭ تارقىلىپ، دۇنيا سودىسىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچراتتى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغىمۇ خىرىس ئېلىپ كەلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارىدى

نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە باسقۇچلۇق مۇھىم ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپ تېز ئەسلىگە كەلدى.