ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سەئۇدى ئەرەبىستانى خام نېفىت ئېكسپورت مىقدارىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 16:48

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەت ئىچىنىڭ خام نېفىت ئىستېمالى ئازايغانلىقتىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى 5-ئايدىن تارتىپ ھەر كۈنلۈك خام نېفىت ئېكسپورت مىقدارىنى ئون مىليون تۇڭدىن ئون مىليون 600 مىڭ تۇڭغا كۆپەيتىشنى پىلانلىدى دېدى.

3-ئاينىڭ بېشىدا، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوپېك بىلەن رۇسىيە باشچىلىقىدىكى ئوپېكقا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر مەھسۇلاتقا چەك قويۇشتا يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىقتىن، نېفىت ئېكسپورت قىلىشتىكى 1-نومۇرلۇق دۆلەت بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىت باھاسىنى زور كۆلەمدە چۈشۈرۈپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقا باشلىغان، بۇنىڭ بىلەن خەلقئارادىكى نېفىت باھاسى داۋاملىق داۋالغۇپ كەتكەن ئىدى. 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، نىيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا خام نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى بىر مەھەل 20 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان ئىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有