ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 09:57

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىستانسىمىز «جاسارەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش  جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى»ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ھالقىلىق مەزگىلگە كىردى، قېلىپ قالغان نامرات رايونلارنىڭ ھەممىسى نامراتلار ئىچىدىكى نامراتلار، قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىرلار. بىز ئەڭ ئېغىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى. ئەمما نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش پارتىيەنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، چوقۇم بەلگىلەنگەن نىشانغا ئاساسەن قەتئىي تەۋرەنمەي، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىپ، تارىخ، خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پەقەت بىرىنچى قەدەم، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلىنىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ،  كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇق تاشقان قىزغىنلىق، تولۇپ تاشقان غەيرەت شىجائەت بىلەن داۋاملىق كۆرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش كېرەك

ئىستانسىمىز «جاسارەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى»ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.