ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 10:02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

5-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاجىز ھالقىلارنى، نۇقتىلىق رايون قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ماي بايرىمى مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە تىجارەتنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى كېڭەيتىپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمال ۋە ئىقتىسادنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە يۇقۇم ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى، ئەمما قىسمەن رايونلاردا توپلىشىپ يۇقۇملىنىش  خەۋپ خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت، يەنىلا  كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار بار، ھەرگىزمۇ بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ. بىمارلارنى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇملىنىش مەنبەيىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تېببىي باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان دەرھال دىياگنوز قويۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇرلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى ئومۇميۈزلۈك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش، جايلار بىرى ئارقىلىق كۆپكە ساۋاق قىلىپ، تارقىلىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، توپلىشىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا ماي بايرىمىلىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى باھالاش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، باھالاش ئارقىلىق، بايراملىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىدە بىرقەدەر ياخشى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكى، يولغا قويۇشقا بولىدىغان، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق كېيىنكى قەدەمدىكى بايراملىق دەم ئېلىش ياكى بىرقەدەر زور كۆلەملىك ئادەملەر يۆتكەلگەن، توپلاشقان ئەھۋال ئاستىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تىجارەتنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تەجرىبە توپلانغانلىقى ئايان بولدى. بۇ ئاساستا دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرمۇش، مۇلازىمەتچىلىكتە تىجارەت ۋە بازارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىككى يىغىننىڭ بىخەتەر ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۈنلەي، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، ۋاڭ يى، شياۋ جې، جاۋ كېجىلار قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.