ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەت ئەللەردىكى مۇتەخەسسىس ئالىملار جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلىرىگە قىزغىن مۇنازىرە قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 10:17

جۇڭگو يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىس ئالىملار مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش-جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئاچقۇچ. جۇڭگونىڭ يەنىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، بەلگىلەنگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئۆز قەرەلىدە تاماملايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز    قازاقىستاندىكى «قازاقىستان ئوقەتچىلىك گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى سېرك كورژۇنبايېف مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش،تىزگىنلەش جەريانىدا كۈچلۈك تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى،  قوللانغان كەسكىن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

ھىندىستان نېھرو داشۆسى جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دى بوجيې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىمارلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان يېڭى دوختۇرخانا قۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ۋىرۇس گېن تەرتىپى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ۋاقتىدا تەڭ بەھرىلىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم مورخام مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگونىڭ كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا  تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا نامايان قىلغان كۆزگە كۆرۈنگەن تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا قايىلمىز.

رۇسىيە يىراق شەرق فېدېراتسىيە داشۆسى شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئارتيوم لۇكىن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى  يۇقۇمىنى تېز تىزگىنلەپ، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى ۋە يېڭى تېخنىكا ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىقتىساد بانكىسى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش تەتقىقاتخانىسى «جۇڭگو-ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتى» تېما گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىرى سېرگېي چىپۇراكوپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى،تىزگىنلىشى- بىر مەيدان خەلق جېڭى، جۇڭگو يۇقۇم جېڭى ئۈچۈن تۈرلۈك بايلىقلارنى مەركەزلەشتۈردى، تەكشۈرۈش، دېئاگۇنۇز قويۇش، ئايرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۈنۈملۈك قوللاندى.

پاكىستان كېڭەش پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇساھىد ھۈسەيىن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم تەجرىبىلەرنىڭ بىرى-ئومۇمىي خەلقنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك سەپەرۋەر قىلىش.

ئارگېنتىنا بۇئېينىس ئايرىس داشۆسى جۇڭگو-ئارگېنتىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى سانتىياگو بۇسترو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى، ھازىر جۇڭگودا خەلقىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشى نورمال ھالەتكە كەلدى،  ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقان جۇڭگو دۇنيانى نۇرغۇن داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە باشقا   دۆلەتلەرنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرى ۋە   تەجرىبىلىرىدىن بەھرىلەندۈردى.

چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ئالىملار مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسى تەۋرەنمىدى، جۇڭگونىڭ بەلگىلەنگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنى تاماملىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

كۇبا خەلقئارا سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېدۋاردو رېيگالادو مۇنداق دېدى: جۇڭگو بۇ يىل كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىش ئىرادىسىنى ئېنىق ئىپادىلىدى، جۇڭگونىڭ بايلىقنى يۆتكەپ، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئەنگلىيە ئاقىللار ئامبىرى خانلىق خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ رەئىسى جېم ئونىل مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقۇم  تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بىر قەدەر زور بېسىم پەيدا قىلدى، ئىچكى ئېھتىياجنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش-جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

جەنۇبىي ئافرىقا ۋېتۋاتېرىسراند داشۆسى ئىقتىساد ۋە سودا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى جېننى روسوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئىچكى جەھەتتە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا قارىتا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى ئالېكسېي ماسلوف مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە  چىڭ تۇرۇپ،  يۇقۇمدىن كېيىن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ قالىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەت ئەللەردىكى مۇتەخەسسىس ئالىملار جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلىرىگە قىزغىن مۇنازىرە قىلدى

جۇڭگو يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.