ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن كېسەللىك بىرازىلىيە داۋالاش سىستېمىسىغا زەربە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 10:37

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى داۋاملىق يامرىماقتا، دېنگې قىزىتمىسى مۇددەتتىن بۇرۇن يۈز بەردى، تارقىلىشچان زۇكام پەسلى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدۇ. بىر قانچە يۇقۇم بىرازىلىيەنىڭ داۋالاش سىستېمىسىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن زەربە بولدى. يۇقۇملۇق كېسەللىك مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى نۆۋەتتە بىرازىلىيەنىڭ داۋالاش سىستېمىسى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خىرىس، لېكىن دېنگې قىزىتمىسى ۋە تارقىلىشچان زۇكامغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ، جەمئىيەتتىكى ئايرىش تەدبىرلىرىنى ساقلاش-يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشقا پايدىلىق.

بىرازىلىيە يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان پاشىنى يۇقۇش ۋاسىتىسى قىلغان تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى، 2018-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بىرازىلىيەدە دېنگې قىزىتمىسى بىمارلىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى، زىكا ۋە چىكۇنگۇنيا قىزىتمىسى قاتارلىقلار بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش خەتىرى مەۋجۇت. بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا بىرازىلىيەدە تۇنجى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىغا ئېنىق  دىياگنوز قويۇلغاندىن بۇيان، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىزچىل يامراش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى. شۇڭا بۇ يىل 4-ئايدىلا بىرازىلىيە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى: بىرازىلىيە بۇ يىل  بىر قانچە يۇقۇم داۋاملىق يامراش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىدۇ، ئەسلىدىلا ئاجىز داۋالاش سىستېمىمىزغا ئېغىر زەربە بولىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

بىرازىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دۆلەتتە 17 مىڭ 408 كىشىگە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ  ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار جەمئىي 271 مىڭ 628 گە يەتكەن؛  شۇ كۈنى  1179 كىشى قازا قىلغان، جەمئىي قازا قىلغانلار 17 مىڭ 971 گە يەتكەن. ئېنىق  دىياگنوز  قويۇلغانلار ۋە قازا قىلغانلار يۇقۇم خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن، شۇنداقلا بىر كۈندە قازا قىلغانلار تۇنجى قېتىم مىڭدىن ئاشقان. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە بىرازىلىيەدە يۇقۇمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنىڭ قاچان يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش تەس ئىكەن. سان پاۋلو ئىشتاتى، رىيودې ژانېيرو ئىشتاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر جەمئىيەتتىكى ئايرىش مۇددىتىنى داۋاملىق ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بىرازىلىيەدە بۇ يىل دېنگې قىزىتمىسى يۇقۇمىمۇ ئىنتايىن كەسكىن بولدى. برازىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا  قارىغاندا، بىرازىلىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا  ئېنىق  دىياگنوز قويۇلغان تەخمىنەن 677 مىڭ دېنگې قىزىتمىسى بىمارىنىڭ بارلىقى مەلۇم قىلىنغان، ھازىر 265 ئادەم دېنگې قىزىتمىسى سەۋەبىدىن قازا قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 ئاشقان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى قازا قىلغۇچىلار يېقىندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن قوللىنىلغان ئايرىش تەدبىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىمارلار ۋاقتىدا داۋالىنىپ قۇتقۇزۇلمىغان.

دېنگې قىزىتمىسى ئاساسلىقى مىسىرنىڭ ئېدرېس پاشىسى ئارقىلىق تارقىلىدۇ.  مىسىرنىڭ ئېدرېس پاشىسى يەر شارىدىكى ئىسسىق بەلباغ ۋە تىروپىك بەلباغ رايونلىرىدا ئۇچرايدۇ، دېنگى قىزىتمىسى، زىكا ۋىرۇسى، چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى قاتارلىق نۇرغۇن ۋىرۇسلارنى تارقىتىدۇ. ئىلگىرىكى يىللاردا بىرازىلىيەدە دېنگى قىزىتمىسى يۇقۇمى ئاساسلىقى 4-،5-ئايلاردا كۆرۈلەتتى، لېكىن بۇ يىل كۆرۈنەرلىك ئالدىغا سۈرۈلدى، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئاساسلىقى بىرازىلىيەنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، بىرازىلىيەدە تېمپېراتۇرا ئۆرلىدى، ھۆل يېغىن كۆپ بولدى، ھاۋا مۇھىتى مىسىر ئېدرېس پاشىسىنىڭ زور كۆلەمدە كۆپىيىشىگە پايدىلىق بولدى.

جەنۇبىي يېرىم شار پات ئارىدا كۈز ۋە قىش پەسلىگە قەدەم قويىدۇ، بىرازىلىيەدە تارقىلىشچان زۇكام كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلمۇ پات ئارىدا يېتىپ كېلىدۇ. بۇلتۇر بىرازىلىيەدە 1122 ئادەم تارقىلىشچان زۇكام بىلەن قازا قىلدى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ  تەسىرىدە، بىرازىلىيەنىڭ سەھىيە تارماقلىرى بۇ يىل تارقىلىشچان زۇكامغا سەزگۈر كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى 3-ئايدىلا مۇددەتتىن بۇرۇن باشلىدى. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، دېنگى قىزىتمىسى ۋە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىدە ئوخشاشلىقلار بار، بۇ تېببىي خادىملارنىڭ پەرقلەندۈرۈشىگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا داۋالاش سىستېمىسىغا ئېغىر يۈك پەيدا قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى نۆۋەتتە بىرازىلىيەنىڭ داۋالاش سىستېمىسى ئالدى بىلەن تاقابىل تۇرىدىغان يۇقۇم ئىكەن، چۈنكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان قازا قىلىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى، ھازىرمۇ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا يوق، تېببىي خادىملارنىڭ داۋالاش تەجرىبىسى كەمچىل.

مۇتەخەسسىسلەر: يۇقۇمنىڭ داۋاملىق يامانلىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاممىنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئارىلىقنى ساقلاپ، ئۈنۈملۈك شەخسىي مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى، بۇ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىغا پايدىلىق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن كېسەللىك بىرازىلىيە داۋالاش سىستېمىسىغا زەربە بولدى

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى داۋاملىق يامرىماقتا، دېنگې قىزىتمىسى مۇددەتتىن بۇرۇن يۈز بەردى