ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ «ئەزالار كارىدورى» رەسمىي ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 17:15

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى3-يىغىنىنىڭ «ئەزالار كارىدورى» رەسمىي ئېچىلدى، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى  ئالدىنقى سەپ مۇخبىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل ئېلىمىز سەھىيە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزگىلدە تۇرۇۋاتقاچقا «ئەزالار كارىدورى»دا قوش يىغىن مەيدانى ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ۋىدېيودا سۆزلىشىش شەكلى ئارقىلىق تاماملىنىدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە،  مۇخبىرلارنىڭ ھەممىسى خەلق سارىيى مەركىزىي زالىنىڭ شىمالىدا بىزگە نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىدىكەن. بۇ يىل ئېلىمىز سەھىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاچقا "ئەزالار كارىدورى"دا قوش يىغىن مەيدانى ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ۋىدېيودا سۆزلىشىش شەكلى ئارقىلىق تاماملىنىدىكەن. مۇخبىرلار مېدىيا ئاخبارات مەركىزىدە سوئال سورايدىكەن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى خەلق سارىيىدا  يىراقتىن  جاۋاب بېرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئەزالار كارىدورى ئۈچ قېتىم ئېچىلىدىكەن، ئەزالار يەنىلا گۇرۇپپىلار بويىچە كارىدوردا تۇرۇپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىكەن، ئالايلۇق، داۋالاش، سەھىيە ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلىكتە چىقىدىكەن. نامراتلارنى يۆلەشكە دىققەت قىلىۋاتقان ئەزالارمۇ بىرلىكتە مۇشۇ سەھنىدە ئۆزلىرىنىڭ كەنتتە تۇرۇش تەسىراتلىرىنى سۆزلەيدىكەن.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن مۇنداق دېدى: داۋالاش سەھىيە ساھەسىدىكى ئەزالار باشلامچىلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتاكاغا ئۆتۈپ، ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، قۇربان بولۇشتىن قورقماي، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالدى، داۋالاش سەھىيە ساھەسىدىكى ئەزالارلا ئەمەس سىياسىي كېڭەشنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ ھەر خىل ئۇسۇللار ۋە يوللار بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشكە كۈچ قوشتى، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى چۆرىدەپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، بۇرچىنى دادىل زىممىسىگە ئالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالار  ۋەزىپە ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، كىچىك دائىرىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىش قاتارلىق  شەكىللەرنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ھەققىدە پائال پىكىر تەكلىپ بېرىپ، جەمئىي مىڭدىن ئارتۇق ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدى، تەكلىپ پىكىر بەردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ «ئەزالار كارىدورى» رەسمىي ئېچىلدى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى3-يىغىنىنىڭ «ئەزالار كارىدورى» رەسمىي ئېچىلدى،