ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىماردىن ئىككىسى كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 17:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

5-ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئىككى بىمارنىڭ كۆپەيگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلىكى، گۇاڭدۇڭدا ئىكەنلىكى، يەنە بىرىنىڭ يەرلىك بىمار ئىكەنلىكى، شاڭخەيدە ئىكەنلىكى، قازا قىلغانلارنىڭ يوقلۇقى، گۇمانىي بىماردىن بىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلىكى، شاڭخەيدە ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

شۇ كۈنى 5 بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، 308 يېقىندىن ئۇچراشقۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، ئېغىر كېسەلدىن بىرى ئازايدى.

ھازىر چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 43 بىمار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كېسىلى ئېغىر بىماردىن ئىككىسى بار، ھازىر گۇمانىي بىماردىن 7سى بار. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 1709، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار 1666، قازا قىلغانلار يوق.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىماردىن ئىككىسى كۆپەيدى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئىككى بىمارنىڭ كۆپەيگەنلىكى،