ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىخەتەرلىك قالپىقى باھاسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 17:46

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى  يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتە «بىخەتەرلىك قالپىقى، بىخەتەرلىك تاسمىسى» بويىچە بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قانۇن ئىجراسى جازاسىنىڭ دائىرىسى موتوسىكلىت مىنگەندە بىخەتەرلىك قالپىقى كەيمەسلىك، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماسلىقتەك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توكسىكلىت ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك قالپىقى كەيمەسلىك قىلمىشىغا قارىتا تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ.

توكسكلىتقا بولغان بىخەتەرلىك قالپىقى ئېھتىياجنىڭ مەركەزلىك ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم كارخانىلار ۋە سۇپىلاردا سېتىلىدىغان بىخەتەرلىك قالپىقىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتى ھەمدە جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ باھا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈشىگە پائال ماسلىشىپ، بىخەتەرلىك قالپىقى باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىخەتەرلىك قالپىقى باھاسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتە «بىخەتەرلىك قالپىقى، بىخەتەرلىك تاسمىسى» بويىچە بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.