ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن (لايىھەسى)»غا ئىزاھات بېرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-21 18:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-سانلىق يىغىنىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن (لايىھەسى)» توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

ئىزاھاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى تۈزۈش پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن- تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى ئومۇمىي پىرىنسىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە ئاپپاراتى، جىنايى قىلمىش ۋە بېرىلىدىغان جازا، دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكى، قانۇننى تەتبىقلاش ۋە ئۇنىڭ تەرتىپى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئاپپاراتى دېگەن ئالتە باب ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپ بولۇپ، جەمئىي 66 ماددا. لايىھە ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىغا دائىر تۈپ مەسئۇلىيىتى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى ئاساسى قانۇنلۇق مەسئۇلىيىتى ئېنىق بەلگىلەندى. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىدا تۈپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ئاساسىي قانۇنلۇق مەسئۇلىيىتى بار، ئۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشى، توسۇشى ۋە جازالىشى كېرەك.

(2) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم قانۇنچىل پىرىنسىپى ئېنىق بەلگىلەندى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئاھالىلىرىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى ۋە «پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى»، «ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى توغرىسىدىكى خەلقئارا ئەھدىنامە» گە ئاساسەن، شياڭگاڭنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە تەتبىقلىنىدىغان سۆز، ئاخبارات، نەشرىيات ئەركىنلىكى، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توسۇش ۋە جازالاشتا، قانۇنچىل پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

(3) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئالاقىدار ئاپپاراتىنى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش كومىتېتى تەسىس قىلىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى قوبۇل قىلىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى باش مەمۇر ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئەزالىرى مەمۇرىيەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ساقچى ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ساقچى ئىشلىرى باشقارمىسى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى، چېگرادىن كىرىش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، تاموژنا باشلىقى ۋە باش مەمۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پىلانلاش، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش سىياسىتىنى تۈزۈش ؛ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن-تۈزۈم ۋە ئىجرا مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى نۇقتىلىق ئىش ۋە مۇھىم ھەرىكەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش.

(4) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆت خىل جىنايەت ۋە جازا ئېنىق بەلگىلەندى. لايىھەنىڭ 3- بابىدىكى «جىنايى قىلمىش ۋە جازالاش» 6 بۆلەك بولۇپ، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى، چەت ئەل ياكى چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىدىن ئىبارەت تۆت خىل جىنايى قىلمىشنىڭ كونكرېت شەكىللىنىشى ۋە مۇناسىپ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى، باشقا جازالاش بەلگىلىمىسى شۇنداقلا ئۈنۈم دائىرىسىگە قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللار پەرقلەندۈرۈلۈپ، تۆت خىل جىنايى قىلمىشنىڭ جىنايى جازاسى ئايرىم-ئايرىم بەلگىلەندى.

(5) دېلولارنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى، قانۇننى تەتبىقلاش ۋە ئۇنىڭ تەرتىپى ئېنىق بەلگىلەندى.

(6) مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئاپپاراتى ئېنىق بەلگىلەندى. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەھكىمىسى تەسىس قىلىدۇ. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەھكىمىسى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ئالاقىدار ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ. شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى : شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر زور ئىستراتېگىيە ۋە مۇھىم سىياسەتلەر توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش؛ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىش، يېتەكلەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە قوللاش؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ۋە تەھلىل قىلىش؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىش.

لايىھەنىڭ قوشۇمچە پىرىنسىپىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يەرلىك قانۇنلىرى مۇشۇ قانۇن بىلەن بىردەك بولمىسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ؛ بۇ قانۇنغا ئىزاھات بېرىش ھوقۇقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەۋە بولىدۇ. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن (لايىھەسى)»غا ئىزاھات بېرىلدى