ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە كۈچ قوشۇش

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-21 18:37

 --خەلقئارادىكى زاتلار جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىشىگە ئىجابىي باھا بەردى

  نۆۋەتتىكى كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم ۋە راۋان بولۇشىنى قوغداپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. «خەلق گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەلقئارادىكى زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنالنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردى ھەمدە سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇش، ئىمپورت ۋە سىرتقا مەبلەغ سېلىشنى پائال كېڭەيتىش قاتارلىق بىر قاتار كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلدى، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي تۆھپە، قىممەتلىك ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

  "ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگو بازىرى جەلپ قىلىش كۈچىگە تولغان"

  جەنۇبىي ئافرىقا ئۆلچەملىك بانكا گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى مانىسا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى پائال قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، جۇڭگونىڭ بازار بوشلۇقى چوڭ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا كارخانىلىرىنى غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، ئۇ ھەم شۇنداقلا ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  قازاقىستان جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خانات بايسېك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز جۇڭگونىڭ داۋاملىق تۈردە ۋە تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەت بىلەن پۈتۈن دۇنيانى قۇچاقلىشىنى قارشى ئالىمىز. ئېچىۋېتىش كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلار قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. نۆۋەتتە قازاقىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. قازاقىستاندىكى بەزى كارخانىلار جۇڭگودىن كەلگەن دەسمايە، تېخنىكا ۋە تەجرىبە قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگو بازىرى جەلپ قىلىش كۈچىگە تولغان. ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ.

  فىلىپپىن «ئاسىيا سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ باش مۇھەررىرى ئانتونى لوپېس مۇنداق دەپ قارىدى: 40 نەچچە يىللىق ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش جۇڭگودا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، شۇنداقلا فىلىپپىن قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى ئېقىمغا قارشى ھالدا ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلىدۇ.

  "بىزنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمىز قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ"

  دېل پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ يەر شارى ئىجرائىيە مۇئاۋىن لىدىرى خۇاڭ چېنخۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى غايەت زور ئېلاستىكىلىقنى نامايەن قىلىپ، قۇرۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى. دالنىڭ جۇڭگودىكى ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۈرلۈك كەسىپلەر ئومۇميۈزلۈك نورمال يۈرۈشۈۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ كۈچ چىقىرىشىنى يەنىمۇ يېتىلدۈرۈشكە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ، دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ جۇڭگودىكى كەسپىمۇ تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ. بىزنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىيات ئىشەنچىمىز قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ.

  جۇڭگونىڭ سودا ـ تىجارەت مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، جۇڭگودىكى چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ بازارنى كېڭەيتىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئىچكى-تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق بىر قاتار پايدىلىق سىياسەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ جۇڭگودا مەبلەغ سېلىشنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىمىزنىڭ ئاساسى. خۇاچېن باۋما ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋېي لەندې مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، خۇاچېن باۋما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى زاۋۇتى نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى، شېنياڭ تېشى يېڭى زاۋۇت رايونى ۋە دادۇڭ زاۋۇتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرى قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىز داۋاملىق قەتئىي ۋەدە بېرىپ، جۇڭگودىكى تۈرلۈك مەبلەغ سېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمىز.

  قازاقىستاننىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭ فوندى جەمئىيىتى دۇنيا ئىقتىساد ۋە سىياسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئانتون بۇگايانكو مۇنداق دەپ قارىدى: چەت ئەللەر مەبلەغ سېلىش قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامىنىڭ يولغا قويۇلۇشى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە ئاشكارا سودا مۇھىتى يارىتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئىشەنچىمىز كامىل. جۇڭگودىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى چوقۇم تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى كۈتۈۋالىدۇ.

  "ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو ئېلىپ كەلگەن مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك"

  جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، تەمىنلىگەن پۇرسەت بارغانسېرى كۆپەيدى، دۇنيا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئىگە كارخانىلار جۇڭگو بازار پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مېكسىكا بىنبۇرگ گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دانېر سېرۋېت مۇنداق دېدى: جۇڭگو بازىرىغا كىرگەندىن بۇيان، شىركەت بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنياڭ ۋە ۋۇخەن قاتارلىق جايلاردا ئون نەچچە زاۋۇت تەسىس قىلدى، ئۇنىڭ چىقارغان يېڭى مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو ئىستىمالچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، جۇڭگو بازىرىنىڭ ئېچىۋېتىشچانلىقى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى تولۇق نامايەن قىلدى. جۇڭگو تۈزگەن تۈرلۈك سىياسەتلەر چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تىجارىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگودا تەرەققىي قىلىشقا بولىدۇ، بىز جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىمىز.

  جۇڭگو ئىقتىسادى مۆلچەرلىگۈسىز يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ئۇنىڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى چوڭىيىپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى رولى كۈنسېرى كۈچەيدى. ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ۋە ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى جۇڭگونىڭ دۇنيا پەن تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە سودا مۇھىتىدىكى يېڭى ئېگىزلىككە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئولاييا جۇڭگو باش لىدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى فېي بورۈي، مېنىڭ شىركەتنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا قارىتا تولۇق ئىشەنچىم بار، دېدى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئولەييا 3- نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئىككى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشقان تەجرىبىلەر ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلىش سۇپىسىلا ئەمەسلىكى، ئۇ يەنە دۇنيادىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە پەن-تېخنىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنىڭ كۆزنىكى ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشەندۈردى. بىز بۇ كاتتا يىغىننىڭ يېتىپ كېلىشىگە تەقەززا بولماقتىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە كۈچ قوشۇش

 نۆۋەتتىكى كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى