ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلە پاش قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-24 16:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى پاش قىلدى، بۇ مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە شەكىلۋازلىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىش مەسىلىسى.

يۈننەن ئۆلكىسى خۇڭخې خانىزۇ-يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش داۋامىدا ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا ساختىلىق قىلىش مەسىلىسى.

خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھەرلىك ئارخىپخانىنىڭ 4-دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى چى جۈنجيېنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى.

سەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھىرى پۇشيەن ناھىيەلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، 4-دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى گو لۇڭخۇ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قىزىل بولاق، سوۋغات ئېلىش مەسىلىسى.

شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنىڭ شەھىرى ۋېيشەن ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، ئىشخانا مۇدىرى يەن شيەنچۈن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ساياھەتكە تەشكىللەش قاتارلىق مەسىلىسى.

چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى سۇڭ جېڭتاڭنىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۆتكۈزۈپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بايلىق توپلاش مەسىلىسى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلە پاش قىلىندى