ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى (لايىھەسى)» توغرىسىدىكى پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-24 16:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە، شياڭگاڭدا 12 مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى (لايىھەسى)» توغرىسىدىكى پىكرىنى ئاڭلىدى.

شياڭگاڭنىڭ سىياسىي، قانۇن، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، دىن، ياشلار، ئەمگەكچىلەر قاتارلىق ساھەلىرى شۇنداقلا ئىجتىمائىي تەشكىلات، رايون تەشكىلاتىدىن كەلگەن 120 ۋەكىل سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سەمىمىي پىكىر قىلدى. يىغىنغا قاتناشقانلار بىردەك شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ قانۇننى تۈزۈش شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى قانۇن يوچۇقى ۋە تۈزۈم ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلايدۇ، بۇ شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق، دەپ ھېسابلىدى. يىغىنغا قاتناشقانلار ئومۇميۈزلۈك بۇ قانۇننىڭ تېزدىن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى (لايىھەسى)» توغرىسىدىكى پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ،