ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قاتناش كەسپىدىكى ئاساسلىق ساھەلەر ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-24 16:46

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئالاقىدار مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 6-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، قاتناش ساھەسىدىكى قۇرۇلۇۋاتقان نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %99.84 كە، تاشيول، سۇ يولى تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %98.7 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يولۇچىلار تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %98كە، يۈك تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ %99.6 كە يەتتى، قاتناش كەسپىدىكى ئاساسلىق ساھەلەر ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولدى.

قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۈن ۋېنجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، قاتناش مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 1 تىرىليون 22 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.9 ئاشتى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جەمئىي ئېشىش سۈرئىتى تۇنجى قېتىم ئاشتى، بۇ يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش سېلىنمىسى كەمچىل بولۇشنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تولۇقلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتناش مۇلازىمىتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىدۇ. ھازىرغىچە مەملىكەت بويىچە شارائىتى ھازىرلانغان يېزا-بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەردە ئاپتوبۇس قاتناش نىسبىتى %99دىن ئاشتى. بىز ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ يۇقۇم قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، قاتناشتا نامراتلارنى يۆلەش نىشان ۋەزىپىسىنى تېزدىن ئورۇنلاپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»قا مەبلەغ سىياسىتى جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش، قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، قاتناش-تىرانسپورت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قاتناش كەسپىدىكى ئاساسلىق ساھەلەر ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولدى

قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى