ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يەتىكەن سىستېمىسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-24 16:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

كىچىكى بىخەتەرلىك قالپىقىدىن چوڭى قاتناش-تىرانسىپورت، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىققىچە، يەتىكەن سىستېمىسى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندىن بۇيان، قاتناش-تىرانسىپورت، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق، سۇ رايىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ھاۋا رايىدىن مەلۇمات بېرىش، خەۋەرلىشىش ۋاقتىنى ماسلاشتۇرۇش، ئېلېكتىر قۇۋۋىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بارلىققا كەلتۈردى.

فۇجيەننىڭ شيامېندىكى 220 كىلوۋولتلۇق لى لىن تىرانسىفورماتور پونكىتى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، مۇخبىر نەق مەيداندىكى خىزمەتچىلەر كىيگەن بىخەتەرلىك قالپىقىنىڭ بۇرۇنقى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقى، قالپاق قاسقىنىنىڭ ئاستىدا نۇرغۇن كىچىك كۇنۇپكىلارنىڭ بارلىقىنى كۆردى، بۇ-يەتىكەن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ۋاقىتتىن خەۋەر بېرىش، ئورۇن بەلگىلەش بۆلەك گۇرۇپپىسى توپلاشتۇرۇلغان بىخەتەرلىك قالپىقى. يەتىكەن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ۋاقىتتىن خەۋەر بېرىش، ئورۇن بەلگىلەش بۆلەك گۇرۇپپىسى-بىخەتەرلىك قالپىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك قوراللىرىنى كۈچلۈك ئىقتىدارغا ئىگە قىلدى.

خىزمەتچىلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىك قالپىقىدا يەنە بىرلا بېسىپ سۈرەتكە تارتىپ دەل ۋاقتىدا يوللاش ئىقتىدارى توپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئارقا سۇپىدىكى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلغۇچىلارنى بىرىنچى بولۇپ نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، يەنە جىددىي ئەھۋالدا ئاپتوماتىك سىگنال بېرىش، بىرلا بېسىپ ياردەم سوراش، يورۇتۇش قاتارلىق نۇرغۇن ئەمەلىي، بىخەتەر ئىقتىدارى بار.

بۇندىن باشقا، ئېلىمىزنىڭ ئېلېكتىر تورى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تارقىلىشى كەڭ، نۇرغۇن ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى خەۋەرلىشىش ئاممىۋى تورى بولمىغان رايونلارغا جايلاشقان، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسى بار بولغاندىن كېيىن، ئېلېكتىر تورى شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى خەۋەرلىشىش ئاممىۋى تورى بولمىغان رايونلاردا مەشغۇلات قىلغاندا، پەقەت بىر كىچىككىنە «قىسقا ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تېرمىنالى»نى ئېلىپ يۈرسىلا بولىدۇ، كۆك چىش بىلەن يانفوننى ئۇلىغاندىن كېيىن، ئاددىي يانفوننى يەتىكەن قىسقا ئۇچۇرىنى يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ، نەق مەيدان ئەھۋالى ۋە ئورۇن ئۇچۇرىنى ئارقا سەپتىكى خادىملارنىڭ يانفونىغا يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ.

قاتناش-تىرانسىپورت جەھەتتە، يەتىكەن سىستېمىسى نۇقتىلىق تىرانسىپورت جەريانىنى نازارەت قىلىش، تاشيول ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، پورتلارنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئورۇن بەلگىلەش، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلدى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت ئىچىدىكى ئالتە مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق قاتناۋاتقان ئاپتوموبىل، 30 مىڭ پوچتا ۋە تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى، 36 مەركىزىي شەھەردىكى 80 مىڭچە كوچا ئاپتوبۇسى، 32 مىڭدىن ئارتۇق ئىچكى دەريا يول باشلاش ئەسلىھەسى، 2900 دىن ئارتۇق دېڭىز ئۈستى يول باشلاش ئەسلىھەسىدە يەتىكەن سىستېمىسى ئىشلىتىلدى.

دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق جەھەتتە، يەتىكەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلاتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسىغا ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يىراق مۇساپىدىن باشقۇرۇش ۋە ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، مۇلازىمەت قىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرى 50 مىڭدىن ئاشتى، تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات مىقدارى %5 ئاشتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ماي سەرپىياتى %10 تېجەلدى.

«ئارزۇغا ئىنتىلىش»تىن «ئارزۇنى ئىگىلەش»كىچە، ھازىر يەتىكەن سىستېمىسىنىڭ ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش ئىستراتېگىيەسى ئورۇنلاندى. 2035-يىلىغىچە، ئېلىمىز يەتىكەن سىستېمىسىنى يادرو قىلىپ، يەنە تېخىمۇ ئومۇملاشقان، تېخىمۇ يۇغۇرۇلغان، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ۋاقىتتىن خەۋەر بېرىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يەتىكەن سىستېمىسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

كىچىكى بىخەتەرلىك قالپىقىدىن چوڭى قاتناش-تىرانسىپورت، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىققىچە، يەتىكەن